خانىم - قىزلارنى سەمرىتىۋېتىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
1. بەرەڭگە ياپراقچىسى
بەرەڭگە ياپراقچىسى خانىم - قىزلار ياخشى كۆرىدىغان، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە دوستلار يىغىلىشىدا كۆپ يەيدىغان مەززىلىك ھەم چۈرۈك ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، بىلىپ - بىلمەيلا كۆپ يېيىلىدۇ. بەرەڭگە ياپراقچىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول ئەمەس، ئەمما ياغ ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ يېسە سەمرىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
 
2. ماروژنى
ماروژنى خانىم - قىزلارنىڭ ياز پەسلىدىكى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى بولۇپ، ياغ ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ يېسە سەمرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ماروژنىنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، كۆپ يېسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، ھەتتا ئاشقازان كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. خانىم - قىزلار ھەيز مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ماروژنى تۈرىدىكى سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
 
3. پېچىنە
پېچىنە تەمى تاتلىق، قورساقنى ئاسان تويغۇزىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى ياخشى ئۇششاق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ يېسە ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.
 
4. سالات
كۆپىنچە خانىم - قىزلار مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارغا سالات قىيامى قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭدا يېمەكلىكلەر تېخىمۇ كۆركەملىشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغ تەركىبى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان خانىم - قىزلار ئەڭ ياخشىسى سالاتنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
 
5. قەھۋە
قەھۋەنى نۇرغۇن خانىم - قىزلار ياقتۇرۇپ ئىچىدۇ، قەھۋەنىڭ ئەسلى ئىسسىقلىق  مىقدارى ۋە ياغ تەركىبى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما بەزى خانىم - قىزلار قەھۋە ئىچىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا قەنت ۋە سۈت قوشىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.
 
6. مېۋە شەربىتى
خىلمۇخىل يېڭى مېۋە - چىۋە شەربەتلىرىنىڭ تەمىمۇ ھەر خىل بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. ئادەتتە، قۇتىلىق مېۋە - چىۋە شەربەتلىرىگە كۆپ مىقداردا قەنت قوشۇلىدۇ، شۇڭا مېۋە - چىۋە شەربىتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان خانىم - قىزلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەربەت چىقىرىپ ئىچسە، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.    
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر