ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ 10 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 1. ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﮪﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﯚﻛﯜﺵ: ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ–ﺟﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﻼ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻛﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺟﻪﯕﮕﻰ–ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

2. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﺵ: ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺳﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ، ﺳﯩﺰ ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﭼﻪ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ «ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﺳﺎﻝ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﯩﺴﺎ ﺧﻪﻗﻘﻪ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.

3. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺟﯧﺪﻩﻝ ﺗﯧﺮﯨﺶ، ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﺗﻪﮔﻪﯞﯦﺮﯨﺶ، «ﭼﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻕ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺳﯩﺰ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ.

4. ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻼ ﺧﺎﻻﺱ! ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻻ–ﻗﺎﺯﺍ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ «ﺋﯧﺸﯩﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺗﻪﯕﮕﻪ، ﺗﻮﻗﯘﻣﻰ ﺋﻮﻥ ﺗﻪﯕﮕﻪ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

5. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ–ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ: ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ–ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ–ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻍ–ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﯘ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ.

6. ﻳﺎﺕ ﺟﯩﻨﯩﺴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨﺸﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ: ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ-ﻛﯘﺷﺎﺩﻩ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺳﺎ، ﺑﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺸﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ–ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﯩﺘﻰ.

7. ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ: ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻏﻪﺷﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺑﻮﺷﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﯓ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

8. ﮪﻪﻕ–ﻧﺎﮪﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ: ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﺭ–ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﯓ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﺎﻻﺵ–ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﺴﺰ ﯞﻩ ﺟﺎﮪﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.

9. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺵ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﮪﻮﺭﻣﯘﻥ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﺰﺍﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﺎﮪﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺷﺘﻪﻙ ﻗﺎﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﻼ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯗ.

10. ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﺶ: ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ، ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺳﻪﯞﺭ–ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﺖ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر