مىنۇتىغا 90 قەدەملىك سۈرئەت بىلەن مېڭىش ئاياللاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

نۇرغۇن كىشىلەر ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن سۆڭەكلىرىنىڭ چۈرۈكلىشىپ ئاسان زەخىملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا تېزرەك مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. تەيۋەن «بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېڭىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاشۇرۇش سۆڭەكنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

تەيۋەن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، 35 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى كېمىيىشكە باشلايدىكەن، 40 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى %1 ـ %2 لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن، ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىن كېيىن ھەر يىلى %3 ـ %5 لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن، 60 ياشقا بارغاندا %50 ـ %70 سۆڭەك ماددىسى قالىدىكەن. ئامېرىكا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ مۇۋاپىق مېڭىش سۈرئىتى سائىتىگە 4.8 ـ 6.3 كىلومېتىر، يەنى مىنۇتىغا 90 ـ 120 قەدەم بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئەگەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر قېتىمدا ئاز بولغاندا 4.8 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭسا ھەم سائەتلىك سۈرئىتى 6.3 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولسا، 15 ھەپتىدىن كېيىن ئومۇمىي سۆڭەك زىچلىقى %0.4 ئاشىدىكەن، پۇتنىڭ سۆڭەك زىچلىقى %0.8 ئېشىپ، سۆڭەك سۇنۇش ۋە يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

توغرا بولغان مېڭىش ھالىتى كۈچنى تېجەيدۇ ھەم ھەرىكەت جەريانىدا زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ. توغرا بولغان مېڭىش ھالىتى ــ قەددىنى تىك تۇتۇش، بويۇن ۋە مۈرە ئازادە تۇرۇش، ئىككى مۇشت سەل تۈگۈلگەن بولۇش، ئىككى بىلەك تەبىئىي ھالەتتە ئالدى - كەينىگە تاشلىنىپ تۇرۇش، قەدەملەر مۇۋاپىق بولۇشتىن ئىبارەت.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر