سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋا خانىم -قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ( چەت ئەللەردە تالاسىمان خالتىلىق سۈت  بېزى كېسەللىكى دېيىلىدۇ ) ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ياللۇغسىز، ئۆسمە بولمىغان سۈت بېزى كېسەللىكى بولۇپ، كىلىنىكىدىكى ئىپادىسى ئەمچەك ئاغرىيدۇ ۋە ئىششىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى يەككە خاراكتېرلىك ئۆسۈش ۋە تىپىك بولمىغان ئۆسۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. 

  نۇرغۇن ئاياللاردا مۇنداق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ: ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئىككى ئەمچەك يوغىناپ، قاتتىق بولۇپ ئاغرىتىدۇ؛ ئەمچەك بىر نەرسىگە تەگسىمۇ، ھەتتا سىلكىنىسىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ، بەزىلەرنىڭ ئەمچىكىنى ياكى ئەمچەك تۈگمىسىنى سىقسا، ئاز مىقداردا ئاجراتما ماددىلار چىقىدۇ. ئەمچىكىڭىزنى تۇتۇپ باقسىڭىز، ئىچىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ئىششىقلار باردەك بىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەيزنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا پەسىيىدۇ. « راك كېسىلى » بولۇپ قالدىممىكىن دەپ گۇمانلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال 40 ~ 30 ياشتىكى ئاياللاردا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. دوستلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز، ئۇلار ھېچقىسى يوق، بۇنداق ئەھۋال مەندىمۇ كۆرۈلگەن دېيىشى مۇمكىن. دوختۇر بۇنى سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش دەيدۇ. 
 
سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى
  سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ھەيز مەزگىلىدە ئەمچەكنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. ئانىلىق ھورمۇننىڭ نىسپىي ھالدا كۆپىيىپ كېتىشى ( ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ نىسپىي كېمىيىپ كېتىشىمۇ ) بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل دەپ قارالماقتا. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەمچەك جىنسىي ھورمۇنلار نىشان قىلىدىغان ئەزا، ئۇنى جىنسىي ھورمۇن تەڭشەپ تۇرىدۇ، ئانىلىق ھورمۇن سۈت نەيچىسىنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆستۈرىدۇ، ھامىلىدارلىق ھورمۇنى بەز پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئېپىتېلىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ھەيز مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى ( شۇنداقلا تۇخۇم چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ) ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمۇننىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا سۈت بېزى نەيچىسى بىلەن بەز پۈۋەكچە ئېپىتېلىيەسى ئۆسىدۇ، ئارىلىق ماددا ھۈجەيرىلىرىمۇ ئۆسىدۇ. ھەيزنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھوموننىڭ مىقدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. ئېپىتېلىيىنىڭ ئۆسۈشىمۇ تەدرىجىي نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەيزنىڭ دەۋرىيلىكىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ھەر قېتىمدا نورمال ھالەتكە كېلىپ بولالمىسا ھەمدە ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ.
  قورساق كۆتۈرگەن، تۇغقان ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەمچەكنىڭ ئىششىپ ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئەمچەكنىڭ ئىششىپ، ھەيزنىڭ توختىغانلىقىغا قاراپ ھامىلىدار بولغان ياكى بولمىغانلىققا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ غىدىقلىشىدىن بولغان ئاغرىتىشتۇر.
كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆسۈش تېزلىشىدۇ ۋە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. كۈچلۈك كەيپىيات ئۆزگىرىشى ياكى ئېغىر روھىي بېسىمغا ( مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي بولسۇن ) ئۇچرىسا ھەيزنىڭ كېلىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھەيزنىڭ بالدۇر كېلىشى، كېچىكىپ كېتىشى، كەلمەسلىكى ياكى ئىنتايىن كۆپ كېلىشى كەيپىياتنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن سۈت بېزى ئۆسۈپ قالىدۇ، سۈت بېزى ئۆسۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈپ كېتىدۇ، يەنى ھەيزنىڭ دەۋرىيلىكى قىسقىرايدۇ، قىسقارغان ۋاقتى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى بولىدۇ، ئادەتتە تۇخۇم چىقىرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ھەيز كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، سېمىزلىك، ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىقلارمۇ بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. 
  سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سۈت بېزى ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى ۋە ئارىلىقىنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، توقۇلمىنىڭ ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ خالتىلىق ئىششىق، شورىغۇچىسىمان بەز ئۆسمىسى، تالالىق ئۆزگىرىش ۋە نەيچە ئېپتېلىيىسى ئۆسۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇشۇلار سۈت بېزى قۇرۇلمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىشى بۇ كېسەللىكنى « سۈت بېزى قۇرۇلمىسى ياخشى بولماسلىق » ياكى « سۈت بېزى كېسەللىكى » دەپ ئاتايدۇ.
  ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئايالنىڭ دېگۈدەك ئەمچىكىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەككە خاراكتېرلىك ئۆسۈش بولىدۇ. يەككە خاراكتېرلىك ئۆسۈش بەدەننىڭ قېرىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيدۇ. پەقەت تىپىك بولمىغان ئۆسۈشلا خەتەرنىڭ سىگنالى بولۇپ، ئۇ سۈت بېزى راكىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ نەسەبىدە سۈت بېزى راكى بولۇش تارىخى بارلاردا شۇنداق بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر