ئەلداۋا تېببىي ساۋات: ئانىدىن بالىغا تارقىلىش تۈز تارقىلىش دېيىلىدۇ. B تىپلىق، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئىندىكاتورى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ ۋىرۇسىنى بالىلىرىغا بىۋاسىتە قالدۇرۇش يولى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. مەلۇم بىر ئائىلىدە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئىندىكاتورى مۇسبەت بولسا، ئادەتتە ئانىسىنىڭ مۇسبەت بولغان بولىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ سىرتقى يۈز ئانتىگېنى ( HBAg) مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ مۇسبەت بولۇش نىسبىتى %30~%40 گىچە بولىدۇ. مەنپىي بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ HBAgمۇسبەت بولۇش نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ HBV بىلەن يۇقۇملىنىشى ئانا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. C تىپلىق جىگەر ئىندىكاتورى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى B تىپلىقنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىندىكاتورى مەنپىي بولغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئانىدىن بالىغا ئىككى خىل ئۇسۇلدا تارقىلىدۇ:
① بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقىدۇ ( %5~%15 نى ئىگىلەيدۇ )، مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى 3 ئېيىدا پەيدا بولىدۇ، يەنى ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس بالا ھەمراھىدىكى قاننىڭ ئالمىشىشىدىن بالىياتقۇدىكى ھامىلىگە بىۋاسىتە يۇقىدۇ.
② تۇغۇتلىق مەزگىلىدە يۇقىدۇ ( %85~ %95 نى ئىگىلەيدۇ )، تۇغۇتتىن كېيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە ياكى تۇغۇش جەريانىدا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسەن تېنىدە ۋىرۇس بولغان ئانىنىڭ قېنى ھامىلىنىڭ زەخىملەنگەن تېرىسى ياكى بالىنىڭ ھەمراھىغا سىڭىش ئارقىلىق يۇقىدۇ ياكى تۇغۇت ۋاقتىدا ھەمراھى يېرىلىدىغان بولغاچقا، ئاز مىقداردىكى ئانىنىڭ قېنى بالىنىڭ قېنىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ بالا تۇغۇلۇش يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئانىنىڭ قېنى، باش سۈيى ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنى ئىچىۋېلىشتىن يۇقۇملىنىدۇ؛ يەنە ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ ئېمىتىشىدىن يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. يېڭى تۇغۇلغاندا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئىممۇنىتېتقا قارشى تۇرىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاسان يۈز بېرىپ ئۇزاق مۇددەت، ھەتتا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
