سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ 4 مۇھىم كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن خانىم-قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك تېببىي ساۋات: بۇ كېسەللىك 50 ~ 30 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش كېسىلىگە دۇچار بولۇش نىسبىتى %49.3 ~ %38.6 گىچە بولۇپ، 49 ~ 40 ياشقىچە بولغانلاردا يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى مۇنداق:

1. ئەمچەك ئاغرىش 
   بىرسى ياكى ئىككىلا ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، دائىرىلىك سانجىلىپ ئاغرىتىدۇ ياكى يوشۇرۇن ئاغرىتىپ بىئارام قىلىدۇ. قاتتىق ئاغرىغانلار ئەمچىكىنى تۇتالمايدۇ ياكى سىلكىيەلمەيدۇ. ئەمچەكتىكى ئۆسمە قاتتىق ئاغرىتىدۇ، ئاغرىتىش قولتۇق كۆكرەك قوۋۇرغىسى، غول ياكى قولغىچە تەسىر قىلىدۇ، يەنە ئەمچەك تۈگمىسى ئاغرىش ياكى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاغرىش دەۋرىيلىك بولۇپ، كەيپىيات بىلەن ھەيز دەرۋرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەتتە ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى خاپا بولغاندا، ئىچى تىتىلدىغاندا ئېغىرلىشىدۇ، ھەيز كەلگەندىن كېيىن ئاغرىق يېنىكلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ. ئەمچەك ئاغرىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى سۈت بەزلىرى ئۆسۈشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى بىلەن تاناسىپ تۈزمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ئاغرىققا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاغرىتىش قانچە ئېغىر بولسا سۈت بېزىنىڭ ئۆسۈشى شۇنچە ئېغىر بولمايدۇ. ئوخشاش بىر غىدىقلىنىش بەزىلەرگە تەسىر قىلمايدۇ. بەزىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئەمچەك ئاغرىتىشنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ: 
   ① دەرۋرىيلىك ئاغرىتىش: دەۋرىيلىك ئاغرىتىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاغرىتىش ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئېغىر بولىدۇ، ھەيز كەلگەندىن كېيىن ئاغرىق پەسىيىشكە باشلايدۇ، يېنىكرەكلەر ئاغرىقنى سېزىپ كېتەلمەيدۇ، ئەمچەك پەقەت يېنىك چىڭقىلىدۇ. ئېغىرلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە باشلىنىپ، ھەيز كەلگەندە تەدرىجىي پەسىيىدۇ، ئاغرىق دەستىدىن چىڭ كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيەلمەيدۇ، دۈم ياتالماي قالىدۇ، ھەتتا قۇچاقلىشىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئاغرىق داۋاملىق كەيپىياتقا بېقىپ ئۆزگىرىپ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئىچى پۇشۇش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا دۇچار بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە ئاغرىق قولتۇق لىمفا تۈگۈنىگىچە كېڭىيىدۇ. بۇ ئاياللارغا ئىنتايىن چوڭ روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ناتوغرا تەشۋىقاتلىرى ( مەسىلەن، سۈت بېزى ئۆسمىسىنى داۋالاتمىسا سۈت بېزى راكىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، دېگەندەك ) قوشۇلۇپ، سۈت بېزى ئۆسۈپ قالغان ئاياللارنىڭ كۈنلىرى دەككە- دۈككە ئىچىدە ئۆتىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئەمچىكى ئاغرىيدىغان ئاياللارنىڭ %85 ى ئۆزىنى سۈت بېزى بولۇپ قالدىممىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا، ئەندىشىنى تۈگىتىش- ئەمچىكى ئاغرىيدىغان ئاياللارغا ئەڭ ياخشى داۋا بولىدىكەن، دوختۇرنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە دۇچار بولمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئاغرىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەسەيگەن ياكى بەزىدە ئاغرىپ بەزىدە ئاغرىمىغان، پەقەت ئاز ساندىكى بىمارلارنىلا دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كەلگەن. 
   ② دەۋرىيسىز ئاغرىش: دەۋرىسيىز ئاغرىش ئاز ئۇچرايدۇ، ئاغرىتىش ھەيز دەۋرىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ ھەمدە ئاغرىتىش نىسبەتەن تۇراقلىق بولىدۇ، بىمار ئادەتتە ئاغرىۋاتقان ئورۇننى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق ئاغرىتىش ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولماستىن ئەمچەك توقۇلمىلىرىدىكى مەلۇم ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئاز ساندىكى ئەھۋاللار سۈت بېزى راكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇڭا، ئەمچىكى بۇنداق ئاغرىيدىغانلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك، مەخسۇس دوختۇر تەكشۈرۈپ، سۈت بېزى راكىغا دۇچار بولمىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مۇۋاپىق يوسۇندا داۋالىنىش كېرەك.
   ③ ئەمچەك سەۋەبىدىن بولمىغان ئاغرىش: ئەمچەكتىكى ئاغرىشنىڭ ھەممىسى ئەمچەك سەۋەبىدىنلا بولمايدۇ، پەقەت ئەمچەك ئاغرىتقاندەك بىلىنىدۇ. كۆپىنچە قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى ياللۇغى ۋە گەجگە ئاغرىقى، كۆكرەك دىۋارى ۋېنا ياللۇغى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاغرىيدۇ. قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى ياللۇغى ئەمچەكنىڭ كەينى تەرىپىدىكى كۆكرەك كۆمۈرچىكى ياللۇغى ئەمچەكنىڭ كەينى تەرىپىدىكى كۆكرەك كۆمۈرچىكى بىلەن قوۋۇرغا تۇتىشىدىغان ئورۇندا پەيدا بولۇپ، تۇراقلىق ئاغرىيدۇ، قىسمەن ئورۇن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، باسسا ئاغرىتىدۇ، كىشىنى كۆپىنچە سۈت بېزى راكى دېگەن خاتا تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. قوۋۇرغا كۆمۈرچەك ياللۇغى باكتېرىيەسىز ياللۇغ بولۇپ، قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى بىلەن قوۋۇرغا تۇتاشقان ئورۇننى باسسا، چوڭقۇر نەپەس ئالسىمۇ ئاغرىيدۇ، ئاسپىرىن ( 阿司匹林 )، پرۇفىن ( 布洛芬 ) قاتارلىق ياللۇغقا قارشى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يېسە ئۈنۈم بېرىدۇ. كۆكرەك تېرىسىنىڭ ئاستىدىكى ۋېنادا ئساسن كۆكرەك داۋارى ۋېنا ياللۇغى كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك جەريانى 6 ~ 3 ئايغىچە بولىدۇ، ياللۇغنى قايتۇرغۇچى دورىلارنى يېسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
2. ئەمچەكتە مونەكچىلەر پەيدا بولۇش 
   كۆپىنچە ئىككى تەرەپتە سىممېتىرىك ھالەتتە مونەكچىلەر پەيدا بولىدۇ ( سۈت بېزى راكىدىن پەرقلەندۈرۈشكە پايدىلىق )، بولۇپمۇ ئىككى ئەمچەك سىرتىنىڭ يۇقىرىقى چارىكىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ياپىلاق تۈگۈنچە ھالەتتە ياكى زەنجىرسىمان ھالەتتە بولىدۇ، سوزۇلۇشچان ياكى سەل قاتتىق بولۇپ، ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن بولغان چېگراسى ئېنىق ئەمەس، تۇتقاندا ئاغرىيدۇ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمچەكتىكى مونەكچىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دەۋرىيلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە بەزىدە كۆرۈلۈپ، بەزىدە كۆرۈلمەيدۇ، ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن يوغىناپ ئاغرىق كۈچىيىدۇ، ھەيزدىن كېيىن كىچىكلەيدۇ. كۆپلىگەن بىمارلاردا سۈت بېزى ۋاقىتلىق ئىششىپ چىقىدىغان كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. يەنە بەزىلەردە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئۆسمە كۆرۈلىدۇ.
 
3. قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئالامەتلەر
   بىمارلارنىڭ كەيپىياتى ئادەتتە ياخشى بولمايدۇ ياكى ئىچى تىتىلداپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئەمچەك تۈگمىسىدىن قوڭۇر، ئاچ سېرىق ياكى رەڭسىز سۈزۈك سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، ئادەتتە ئىككى ئەمچەكنىڭ بىرنەچچە نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ.
 
4.  سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى 
   بۇ كېسەللىك ئۆزلۈكىدىن توختاپ قېلىش ۋە قايتىلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، داۋالىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتكەن مەزگىلىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، لېكىن بەزىدە قايتىلىنىپ قالىدۇ. بىر مەزگىللىك پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ياكى دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق، كېسەللىكنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، لېكىن خاپا بولسا، چارچىسا كېسەللىك يەنە قوزغىلىدۇ. ھەيز ئۈزۈل-كېسىل توختىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر