دائىم ئۇپا سۈركىگەندە تېرە خۇنۈكلىشىپ كېتەمدۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋا خانىم-قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: بەزىلەر، دائىم ئۇپا ئىشلەتكەندە زىيانلىق تەركىبلەر، ھەرخىل پىگمېنتلارنىڭ چۆكمىسى تېرىنى بارغانسېرى خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.
 
   ئەمەلىيەتتە، ھەر خىل ماركىدىكى ئۇپىلارنىڭ سۈپەت دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
  ئۇپا ئىشلەتكەندە قاتتىق سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ئۆز تېرىسىگە ماس كېلىدىغان، ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى يۇيۇپ، ئۇپىنى پاكىز تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، تېرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۈشمەن پەقەت ئۇپا قالدۇقلىرى بولماستىن، بەلكىم سىرتقى مۇھىتتىكى ھەم ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىدىكى مەينەت نەرسىلەر، توكسىنلاردىن ئىبارەت. پەقەت تازىلىققا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، يۈز تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   ئەلداۋادىن تەكلىپ: ھورمۇنسىز بولغان ئۇپىلارنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى ھورمۇنلۇق نەرسىلەرنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە تېرە خۇمارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم ھورمۇنسىز مەھسۇلاتلارنى سۈركىگەندە ئۇلارنى يەكلەش، شۇ بىر خىل مەھسۇلاتتىن باشقىسىنى ئىشلىتەلمەسلىكتەك، ئېغىر بولغان تېرە مەسىلىشى كېلىپ چىقىرىدۇ.
-ياسىنىش ۋە كۈتۈنۈشتىكى خاتا قاراشلاردىن 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر