سۈت بېزى قانداق ئۆسۈپ قالىدۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/02/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى 

سۈت بېزى ئۆسۈش يامان تەرەپكە يۈزلىنىپ قالسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغىلى بولىدىغان كېسەل، ھەتتا تىپسىز ئۆسۈشكە ئايلىنىپ قالغان سۈت بېزى ئۆسۈشنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۈت بېزىدىكى سۈت نەيچىلىرى مۇرەككەپ، ھەر خىل شەكىلدە ئۆسىدۇ. ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ: بەز پۈۋەكچىلىرى بىلەن ئىنچىكە نەيچىلەرنڭ سانى كۆپىيىپ، كىچىك ياپراقچىلار ئۆسۈپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، ھەر خىل شەكىلدىكى سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. يۈزەكى قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەر ئۆسۈپ قالسا، ھۈجەيرە قاتلاملىرى كۆپىيىپ ھەر خىل شەكىلدىكى ( ئۇيۇلسىمان، غەلۋىرسىمان، بەزسىمان، شورىغۇچىسىمان ) ئېپىتېلىيە ئۆسۈش كۆرۈلىدۇ. بەز پۈۋەكچىلىرى « نەيچىلىشىپ» سۈت نەيچىسى ۋە سۈت بېزى كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. سۈت نەيچىسى ئۆسۈپ ھەمدە كېڭىيىپ سۇلۇق ئىششىق ھاسىل قىلىدۇ، بۇ دەسلەپتە كىچىك بولىدۇ، تەدرىجىي ئون نەچچە مىللىلىتىر سۇيۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇلۇق ئىششىققا ئايلىنىدۇ، يەنى سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك سۈت نەيچىسىنىڭ ئېپتېلىيىسى ئىنتايىن تېز ئۆسسە، سۈت نەيچىسى ئىچىدە شورىغۇچىسىمان ئۆسمە پەيدا بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۈت بېزى ئېپىتېلىيەسى ئۆسۈش كېسەللىكى، سۈت نەيچىسى ئىچىدىكى شورىغۇچىسىمان ئۆسمە، سۈت نەيچىسى ۋە سۈت بېزى كېسەللىكلىرى بىلەن سۈت بېزىنىڭ تىپىك بولمىغان ئۆسۈشى بەلگىلىك باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، تىپىك بولمىغان ئۆسۈش يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، راكقا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالغان.
 
 
كۆپ كۆرۈلىدىغان نوقۇل ئۆسۈشنىڭ پاتولوگىيەلىك ھالەتلىرى 
 
1. سۇلۇق ئىششىق
بۇ ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، سۈت بېزىنىڭ ئىچىدە 
چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن سۇلۇق ئىششىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئىچى ئاچ سېرىق، سۈزۈك سۇيۇقلۇق ياكى ھال رەڭلىك ئاجراتما بىلەن لىق تولغان بولىدۇ. يېرىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىشتىن بۇرۇنقى سۇلۇق ئىششىقنىڭ يۇقىرى تەرىپى سۇس كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئىششىقنىڭ ئىچكى بېسىمى يۇقىرى، دىۋارى قېلىن بولىدۇ. 
2. ياپراقچىلار ئۆسۈش 
ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 
بۇ سۈت بېزى ئۆسۈشنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسىدۇر.
3. سۈت بېزى كېسەللىكى 
ياپراقچىلارنىڭ ئۆسۈشى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، سۈت بېزى 
كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. سۈت بېزى كېسەللىكىنىڭ سىتولوگىيە جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، ئۆسۈش بىلەن قايتىش ئەھۋالىنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىشىدۇر.
4. بەز قېتىش كېسەللىكى 
بەز كېسەللىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۈت 
بېزى كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەرخىل شەكىلدە ئۆسكەن سۈت نەيچىسى ۋە بەز پۈۋەكچىلىرى قورۇلۇپ، ھەر خىل شەكىلگە ئۆزگەرگەندىن باشقا، ئارىلىق ماددىلار تالالىشىپ ۋە سۈزۈكلىشىپ كېتىدۇ. مەيلى ئۇ  ئومۇمىي ھالەت ياكى توقۇلما ھالەت جەھەتتىن بولسۇن، كىشىلەر ئۇنى سۈت بېزى راكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
5. تالالىق بەز ئۆسمىسى 
تالالىق بەز ئۆسمىسى، يېشى 30 دىن ئاشقان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، كىلىنىكىدا تالالىق بەز ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، سۈت بېزى ئۆسۈش كېسەللىكى ئاساسىدا تالالىق بەز ئۆسمىسىگە ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى مۇنداق: پەردىسى مۇكەممەل بولمايدۇ، ئەتراپى ئۆسۈشتىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، « سۈت بېزى ئۆسمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئوپېراتسىيە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يالغۇز ئۆسمىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆسكەن بەزلەرنى قوشۇپ ئېلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا قايتىلىنىپ قالىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر