سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ قېلىشىدىكى مەسىلىلەر

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
 ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سۈت بېزى ئۆسۈش كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىپ سۈت بېزى راكىغا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى سۈت بېزى ئۆسۈش يەككە ھالدىكى ئۆسۈش بولۇپ، ئادەتتە راكقا ئۆزگەرمەيدۇ. سۈت بېزىنىڭ خالتىلىق ئىششىق خاراكتېرىدە ئۆسۈشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى- سۈت بېزى ياپراقچىلىرى، ئىنچىكە نەيچە ۋە ئۇنىڭ ئۇچىدىكى نەيچىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كېڭىيىشىدىن خالتىلىق ئىششىق ھاسىل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ نوقۇل خاراكتېرلىك ئۆسۈش بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، بۇ كېسەلدە تىپىك بولمىغان ئۆزگىرىش بولۇپ راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى بولىدۇ. بۇنى راك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ قاراش كېرەك.
تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، سۈت بېزىنىڭ خالتىلىق ئىششىشىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى %6.5 ~ %1 گىچە بولىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭدا ئۈچىنچى دەرىجىلىك تىپىك بولمىغان ئۆسۈش بولسا، راكقا ئايلىنىش نىسبىتى %33 گە يېتىدىكەن. 
 
راك تىپىك بولمىغان ئۆسۈش ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ. راكنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى نورمال ئۆسۈش، ئۆسۈش، تىپىك بولمىغان ئۆسۈش، ئەسلىي راك، يامراش ( كېڭىيىش ) باسقۇچى دەپ بەش باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ھەرقايسى باسقۇچلارنىڭ تەدرىجىي داۋاملىشىش جەريانى، يەنى سانىدىن سۈپەتكە ئۆزگىرىش جەريانى بولىدۇ. ھەرقايسى باسقۇچلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇزۇنلىرىنىڭ بىرنەچچە يىل، نەچچە ئون يىل بولىدۇ، بەزى بىمارلاردا بۇ باسقۇچلار ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئاسانلا راكنىڭ ئالدىدىكى ئالامەتلەر يوقتەك خاتا تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. راكنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. جەزمەن ئۇنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى بولىدۇ. ئەلۋەتتە راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ھەممىسىلا تەرەققىي قىلىپ راكقا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ، تىپىك ئۆسۈش باسقۇچى يەنىلا ئەسلىگە قايتىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە كىرىدۇ، قىسمەنلىرى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. پەقەت راكقا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ. ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى روشەن ئۆسكەن ياكى تىپىك بولمىغان ئۆسۈش خالتىلىق ئىششىق خاراكتېرىدە ئۆسكەن بىمارلاردا سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى ئاياللاردىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
 
ئەلۋەتتە تىپىك بولمىغان ئۆسۈش دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىرى پاتولوگىيەلىك ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. شۇڭا، قىسمەن ئوچاق ھالەتتىكى ئۆسۈش ياكى قاتتىق تۈگۈن پەيدا بولغانلارنى ھەرخىل ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، دىياگنوزنى ئېنىقلاش كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر