سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:
1.  ئىرسىيەت ئامىلى
مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بولغان، ئۇنىڭ تۆت قىزى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچى كەينى-كەينىدىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىمۇ 12 ياشتا ئىكەن. بۇ تىپىك بىر ئائىلىگە مەركەزلىشىشتۇر. گېن جەھەتتىن قارىغاندا، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىلى، تەخمىنەن %70 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ تاسادىپىي پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جەمەت تارىخىدا بۇنداق كېسەلنىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىككىنچى خىلى، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بولۇپ، راك گېنى بار، ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى خىلى، ئىككىنچى خىلىغا قارىغاندا كۆپ كۆرۈلىدۇ، %20نى ئىگىلەيدۇ. بۇ كۆپ گېن خاراكتېرلىك سۈت بېزى راكى بولۇپ، جەمەتتىن بىۋاسىتە ئەۋلادلارغا قالمايدۇ، جەمەتتىكى بەزىلەر راكقا گىرىپتار بولسا، بەزىلەر گىرىپتار بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككىنچى خىلدىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئىرسىيەت ئامىلى دېگىنىمىز، ئاساسەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خىلدىكىلەرگە قارىتىلغان.


    1990-يىلى، تەتقىقاتچىلار سۈت بېزى راكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق گېنى (BRCA1  ) نى، يەنى سۈت بېزى راكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك راكنى تىزگىنلەيدىغان گېننى بايقىدى. مۇشۇ خىل گېن بار جەمەتتىكىلەردە سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ياشراق ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ، بىمارنىڭ ئىككى ئەمچىكى ۋە تۇخۇمدىنى ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. 1994-يىلى، ئالىملار يەنە سۈت بېزى راكىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق گېنى (BNCA2 ) نى بايقىدى، BNCA1 گە قارىغاندا BNCA2 كەم ئۇچرايدۇ. BNCA2 سۈت بېزى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئەرلەردىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئىلگىرى تېنىدە BNCA1 گېنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %80 دەپ قارىلاتتى. لېكىن يېقىنقى تەتقىقاتلاردا، ئەمەلىيەتتە بۇنداق كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %30 تىن %50 گىچە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
    گېننى سىناق قىلىش ئارقىلىق، BNCA1 بىلەن BNCA2 گېنلىرىنىڭ مۇسبەت بولۇشى غەرب ۋە ئامېرىكىدىكى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مەملىكىتىمىزدە BNCA1 بىلەن BNCA2 گېنى مۇسبەت بولىدىغانلار ئاز كۆرۈلىدۇ.
    كۆپ ساندىكى جەمەت خاراكتېرلىك سۈت بېزى راكى ئۈچىنچى خىلغا مەنسۇپ. يەنى كۆپ گېنلىق سۈت بېزى راكىغا مەنسۇپ بولىدۇ. جەمەتىدە گېن كەمتۈكلۈكى بولسا، راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىلنىڭ تەسىرگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ، P53 تەك كۆپ خىل گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا راكنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر جەمەتنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىنىڭ راكنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، بىر جەمەتتىكى يېقىن تۇغقانلار ( ئانا ياكى ھەدە-سىڭىللار ) نىڭ ئىچىدە سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى-ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

2. ئانىلىق ھورمۇن
كىشىلەر 19-ئەسىردىلا، سۈت بېزى راكىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەمدە تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش بىلەن ئاخىرقى باسقۇچتىكى سۈت بېزى راكىنى داۋالاپ نەتىجە قازانغان. ئەمەلىيەتتە، ئانىلىق ھورمۇن سۈت بېزىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل.
    ئانىلىق ھورمۇننىڭ سۈت بېزى نەيچىسى ئېپتىېلىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارى بار، ئەمچەكمۇ ھەيز دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ يوغىنايدۇ ۋە ئەسلىگە قايتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن، ئېستىرون ( E1,雌酮 )، ئېستىرادول (E2,雌酮)، ئېستىرول (E3,雌酮) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېستىرادول تۇخۇمداننىڭ ئانىلىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىشىدىكى ئەڭ ئاكتىپ تەركىب بولۇپ، ئېستىروننىڭ ئاكتىپچانلىقى ئاجىز، ئېستېرول (E3,雌酮) ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدىن بولغان ھاسىلاتتۇر. ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، E1 بىلەن E2 نىڭ راكنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، E3 نىڭ راك پەيدا قىلمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
كىلىنىكىدا مۇنداق بىر قىزىق ئەھۋال بايقالدى.  ئاياللاردا بىرىنچى قېتىملىق ھەيز قانچە بالدۇر كەلسە، ھەيزنىڭ كېسىلىشى شۇنچە كېيىن، ئەمما سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. يەنى ئىنساننىڭ ھاياتىدا، ئەمچەكنىڭ ئانىلىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تۇخۇمدان بالدۇر ئېلىۋېتىلگەن بولسا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

3. راك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى
راكنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن ئادەتتە نورمال سۈت بېزى ئېپىتېلىيىسىدىن ← ئېپتېلىيە ئۆسۈش ← تىپىك بولمىغان ئۆسۈش ( Ⅰ،Ⅱ،Ⅲ دەرىجىلىك ياكى يېنىك، ئوتتۇرھال، ئېغىردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە ) ← ئەسلىي ئورۇندىكى راك  ئىنفلتراتسىيىلىك راك باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تىپىك بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىغا ئۆتكەن بولسا، راكقا ئايلىنىشنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ قارىلىدۇ. ئەسلىي ئورۇندىكى راك باسقۇچىدىن ئىلگىرىكى كېسەللىككە قاراپ ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن، تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئەسلىي ئورۇندىكى راكتا ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىنفلتراتسىيىلىك راك باسقۇچىغا تەرەققىي قىلمايدىكەن.
ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدىن سۈت بېزى خالتىلىق ئۆسۈش، نەيچە ئىچىدىكى شورىغۇچىسىمان ئۆسمە ۋە شورىغۇچىسىمان ئۆسۈشكە تىپىك بولمىغان ئۆسۈش قوشۇلۇپ كېلىش قاتارلىقلار بار.


خالتىلىق ئۆسۈش بىلەن تىپسىز ئۆسۈش بىللە كەلسە راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى %1 دىن %6.5 گىچە بولىدۇ. چەت ئەلنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۆسۈش بىلەن تىپىك بولمىغان ئۆسۈش بىللە كەلگەن ئاياللاردا سۈت بېزىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى سەل يۇقىرى ( ئادەتتىكى كىشىلەردىن تۆت ھەسسىسىدىن يەتتە ھەسسىسىگىچە )؛ ئەگەر جەمەتىدە بۇ كېسەللىك بولسا، خەۋپ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەردىن توققۇز ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. تىپسىز ئۆسۈش بارلىق سۇلۇق ئىششىقنىڭ %3 ىنىلا ئىگىلەيدىكەن.
سۈت بېزىنىڭ سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرىدىكى ئۆسۈشى ياكى ئۇنىڭدا تىپسىز ئۆسۈش بار-يوقلۇقىغا ئاساسلىقى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇلىدۇ، ئۇلار كىچىك نەيچە ئېپتېلىيىسىدە تەرتىپسىز ئۆسۈش ۋە ئارىلىق ماددىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھالىتى نىسپىي نورمال بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەيچىدە تەرتىپسىز كېڭەيگەن سۇيۇقلۇق يىغىندىلىرى بولىدۇ. بەزى جايلاردا تىپسىز ئۆسۈش بولىدۇ، يەنى ھۈجەيرىلەردە ياتلىشىش پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي نەيچىدە ئەسلىي ئورنىدىكى راك پەيدا بولۇشى، كىچىك ياپراقچىدىكى ئۆسۈش ئەسلىي ئورنىدىكى راكقا تەرەققىي قېلىشى مۇمكىن.
نەيچە ئىچىدىكى شورىغۇچىسىمان ئۆسمە ئەمچەكنىڭ چوڭ سۈت نەيچىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە بىر تاللا ئۆسىدۇ، كىلىنىكىدىكى ئىپادىسى ئەمچەك تۈگمىسىدىن قانلىق سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، بەزى بىمارلارنىڭ ئەمچەك دېغىدىن بىر سانتىمېتىردىن كىچىك ئىششىقنى سىلاپ بىلگىلى بولىدۇ. بۇ راكقا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمچەك تۈگمىسىدىن سۇيۇقلۇق ئاققان 300 دىن ئارتۇق بىمارنى تەتقىق قىلىپ كۆردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمچەك تۈگمىسىدىن قانلىق سۇيۇقلۇق ئاققان 45 ياشتىن يۇقىرى بىمارنىڭ %22 ى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان. ئەمچەك تۈگمىسى شەكلىدىكى ئۆسمە ئوتتۇرھال ۋە كىچىك نەيچىلەردە پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەمچەك تۈگمىسىدىن سۇيۇقلۇق ئاقمايدۇ، ئەمچەكتە خالتىلىق ئۇيۇلسىمان ئىششىق پەيدا بولۇپ قالسا، ئاسانلا راكقا ئايلىنىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باشقا ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، تالالىق سۈت بېزى ئۆسمىسى، سۈت بېزى ياللۇغى، سۈت بېزىنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشى قاتارلىقلار ) گە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە بەزىلەر بۇ خىل كۆزقاراشنى قوللىمايدۇ، بۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر