ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياشاش ئۈنۈمىدە پەرق بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مەملىكەتلىك تاشقى كېسەللەر ئەمچەك ۋە چوڭ ئۈچەي قوشۇمچە تەتقىقات پىلانى ( NSABP ) بويىچە ئۆسمىنى كېسىۋېتىش، ئۆسمىنى ئېلىۋېتىپ + رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش، ئەمچەكنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. 12 يىلدىن كېيىن پەقەت ئۆسمىنى ئېلىۋېتىپ ئەمچىكى ساقلاپ قىلىنغانلارنىڭ قىسمەن دائىرىلىك قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %35 بولغان. ئۆسمىنى ئېلىۋېتىپ + رادىيوئاكتىپلىق بىلەن داۋالىغانلارنىڭ قىسمەن دائىرىلىك قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %10 بولغان. ئەمچىكى ئېلىۋېتىلگەنلەرنىڭ قىسمەن دائىرىلىك قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %8 بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى ئامېرىكا، ياۋروپالاردا تەدرىجىي يولغا قويۇلغان، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى %80 ~ %70 نى ئىگىلەيدۇ. ياپونىيەدە 2003-يىلىدىن بويان، ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ نىسبىتى %50 دىن ئاشتى. ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ساقلاپ قىلىنسا، گۈزەللىكىگە كۆپ تەسىر يەتمەيدۇ-دە، كۆڭلى بىئارام بولمايدۇ. ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى دەسلەپكى باسقۇچلۇق سۈت بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئاياللارنىڭ ياشاش سۈپىتىگە بولغان تەلەپنىڭ ئۆسۈشى، شۇنىڭدەك سۈت بېزى راكىنى يېڭىۋاشتىن تونۇشى ( يەنى سۈت بېزى راكى پۈتۈن بەدەننىڭ نورمال ھالىتىگە چېتىشلىق كېسەللىك ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇش ) ھەمدە ئىلغار رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۇللۇق بولۇشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىمۇ ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى كۆپ قوللىنىلماقتا. ھازىر بۇنداق ئوپېراتسىيە %30 ~ %10 نى ئىگىلەيدۇ، چوڭ شەھەرلەر، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا كۆپرەك مۇشۇ ئۇسۇلدىكى ئوپېراتسىيە قوللىنىلىدۇ. ئوقۇمۇشلۇق ئاياللار ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىنى تېخىمۇ ئوڭاي قوبۇل قىلىدۇ. ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى بىمار ئۆزى تەلەپ قىلىشى ھەمدە ئوپېراتسىيەدە ھەممە گۇمانلىق كېسەللىك ئوچاقلىرىنى ئېلىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ( ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئۆسمە پوستىنى توڭلىتىپ، تېز سۈرئەتتە پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ، راك قالدۇقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش )، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەمچەكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى نىسپىي چىرايلىق بولۇشى كېرەك.


ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىگە ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىچە:
1)  ئۆسمە ئەمچەك دېغىنىڭ سىرت تەرىپىدىن 2 سانتىمېتىردىن ئارتۇق يەردىكى يەككە ھالدىكى كېسەل پەيدا بولۇش ئوچىقى بولۇشى ھەمدە چوڭ-كىچىكلىكى 3 سانتىمېتىردىن كىچىك بولۇشى.
2) قولتۇق لىمفا تۈگۈنىدە ئېنىق كۆچۈش بولماسلىقى.
3) ئۆسمە پوستىدىكى ھۈجەيرىلەر پاتولوگىيەدە نورمال دەپ ئىسپاتلىنىشى.
4) پاتولوگىيەلىك تىپى نەيچە راكى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، كىچىك ياپراقچە راكىنىڭ كۆپ ئوچاقلىق ( كېسەل ئوچىقى ) بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاسان قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ.
5) كېسەللىك ئوچىقى بىلەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ماس كەلگەن بولۇشى.
6) 35 ياشتىن يۇقىرى، 60 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى لازىم. نىسپىي ماس كېلىش ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
① ئۆسمە چوڭراق بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى خىمىيەلىك داۋالاشتا كىچىكلىگەنلەر.
② ئۆسمە بىلەن ئەمچەك داغلىق ھالقىسىنىڭ ئارىلىقى ئىككى سانتىمېتىردىن كىچىك بولۇپ، ئەمچەك تۈگمىسىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەر.
③ پاتولوگىيە تىپى كىچىك ياپراقچە راكى بولغانلار.
④ 35 ياشتىن تۆۋەن ياكى 60 ياشتىن يۇقىرىلار.
⑤ ئەمچىكى يوغان ياكى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغانلار ۋە ياكى ئەمچەك بىلەن ئۆسمىنىڭ نىسبىتى ئانچە ماس كەلمەيدىغانلار.

ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش چەكلىنىدىغانلار:
① كۆپ ئوچاقلىق سۈت بېزى راكى، بولۇپمۇ ئىككى دانە كېسەللىك ئوچىقى ئەمچەكنىڭ بىر بۆلەك چارىكىدە بولمىغانلار.
② رېنتىگېندە تارقاق ھالەتتىكى يامان سۈپەتلىك كالتسىيلىشىش كۆرۈلگەنلەر.
③ ئۆسمە ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ كەينىدە بولغانلار ياكى Paget كېسىلى بارلار.
④ ھامىلىدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى سۈت بېزى راكى.
⑤ توڭلىتىش پاتولوگىيەسىدە ئۆسمە پوستىدا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى بارلىقى ئىسپاتلانغانلار.
⑥ ئىلگىرى ئەمچىكىنى رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاتقانلار.
⑦ قوشۇمچە توقۇلما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، بولۇپمۇ تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
⑧ رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالىنىش شارائىتى يوقلار.
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى ئۆسمە ۋە ئۆسمىنىڭ 1-2 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى ئېلىۋېتىشى، ئۆسمە پوستىنى تېز سۈرئەتتە توڭلىتىپ، پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە راك قالدۇقلىرىنىڭ يوقلۇقى ئىسپاتلانغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆسمىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تېرىنى ئېلىۋەتسىمۇ-ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆسمە ئۆسكەن دائىرىدىكى تېرە، ئەمچەكنىڭ ئۆسمە بار تەرەپتىكى تېرىنىڭ چارىكى ئېلىۋېتىلىدۇ، ئاندىن كېيىن قولتۇقتىن يېرىق ئېچىپ قولتۇق لىمفا تۈگۈنلىرى تازىلىۋېتىلىدۇ.
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئەمچەكنى رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاش كېرەك.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ياشاش نىسبىتى ئىسلاھ قىلىنغان يىلتىزىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، يىلتىزىدىن ئوپېراتسىيە قىلغانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياشاش نىسبىتىدىن پەرقلەنمەيدىكەن. لېكىن، قىسمەن دائىرىدە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى سەل يۇقىرى بولىدىكەن. ئالاقىدار خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %20 ~ %5، ئىسلاھ قىلىنغان يىلتىزىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ياكى يىلتىزىدىن ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قىلىنغان ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %10 ~ %5 بولىدىكەن. قىسمەن دائىرىلىك قايتا قوزغالغان تەقدىردىمۇ، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر