قاملاشمىغان «بالا چۈشۈرۈش» ئېلانلىرى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/10/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

-ئۇنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز، ئاغرىقسىز بالا چۈشۈرۈتكىلى ئاپىرىڭ!
-بۈگۈن بالا چۈشۈرسىڭىز، ئەتىلا نورمال ئىشقا چىقالايسىز.
-ئەمدى تاساددىپىي ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
-بىرلا ئۇخلاپ قوپسىڭىز،  كۈتمىگەن ھامىلىدارلىق ئازابىدىن خالاس بولىسىز.
...
مۇشۇلارغا ئوخشاپ كەتكەن سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئېلانلىرىنى يول بويلىرىدىكى تام، تۈۋرۈكلەرگە چاپلانغان ئېلان قەغەزلىرى ۋەياكى ئاپتوبۇستىكى تۇتقۇچقا قىستۇرۇلغان ئېلان ۋاراقچىلىرىدا ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلار يەتمىگەندەك رادىئو-تېلېۋىزۇرلىرىمىزدىمۇ پات-پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئېلانلاردا ئاغرىقسىز بالا چۈشۈرۈش زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، كۆرگۈچى ياكى تىڭشىغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىلدىكى ئېلانلار مۇشۇنداق سورۇن تاللىماي تەشۋىق قىلىۋېرىلسە، ئۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدۇ. سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىنسان ھاياتىدىكى زور ئىشنى، ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققانچىلىك ئاددىي ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ۋە شۇنى تەشۋىق قىلىش شۈبھىسىزكى جەمئىيەت كۈتمىگەن ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى ئېنىق. تېخىمۇ مۇھىمى، قىز-ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە نورمال ئەۋلاد قالدۇرۇپ ئانا بولۇش ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆككە سورىلىشى مۇمكىن.

ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى:
 
نۆۋەتتە، ياش قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇش مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمما تېخىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە دەل قىزلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بالا چۈشۈرۈش مەسىلىسىدۇر. ھالبۇكى، مۇشۇنداق بولۇشىدا بەزى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئاچكۆزلەرچە نۇقۇل ئىقتىسادىي مەنپەتنى كۆزلەپ، ئاغرىقسىز بالا چۈشۈرۈشنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشى مۇئەييەن تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، «ئاغرىتماي بالا چۈشۈرۈش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە تامامەن ئاغرىتمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. پەقەت ئوپېراتسىيە قىلىش باسقۇچى پۈتۈن بەدەننى مەست قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاغرىتماي بالا چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەمەلىيەتتە باشقا بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ خالاس. بالا چۈشۈرگەنلا بولىدىكەن، دورىدا چۈشۈرۈش ۋە ئاغرىتماي چۈشۈرۈشنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز ھەر قانچە ئىشەنچلىك دوختۇر ۋە دوختۇرخانىغا بارغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى بەدەنگە مۇئەييەن زىيان كەلتۈرىدۇ.
ئەگەر قورامىغا يەتمىگەن قىزلاردا كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بالىياتقۇ تەكرار زەخىملىنىش تۈپەيلى كېسەل ئاسارىتىدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، قايتا-قايتا بالا چۈشۈرۈش تۈپەيلى كەلگۈسىدە ئاسانلىقچە ھامىلىدار بولالماسلىقى مۇمكىن. ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، بىخەتەر بالا چۈشۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا، كۆرگەن-ئاڭلىغان قالايمىقان ئېلانلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەستىن، چوقۇم نوپۇزلۇق بولغان، چوڭراق دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈملىرىگە كۆرۈنۈپ، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مۇۋاپىق بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللاپ بالا چۈشۈرگۈزۈشكە بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر