• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

شۆھرەت زاكىر سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لوۋ ياڭشېڭ بىلەن كۆرۈشتى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى لوۋ ياڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 لوۋ ياڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرھلىرى بۇ قېتىم ئاساسلىقى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى، سەنشى ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلاردىن ھال سورىغىلى كەلگەن.

 شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە مەملىكەتلىك 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، ئۆلكە باشلىقى لوۋ ياڭشېڭنىڭ ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ئۇزاق مەزگىل ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىلمىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا سەمىمىي ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساس، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تۈپ مەقسەت، كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئەقلىي ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە قىلدى. ھازىر شىنجاڭدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىۋاتىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى شىنجاڭ بىلەن سەنشى ئۆلكىسىنى مۇھىم تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، ئىككى جاينىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، كەسىپ تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئورتاق ھۆسن قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 لوۋ ياڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسىنىڭ بىرى، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى تۇتۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز، ئەسلىدىكى ئاساستا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ ۋە ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەدە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى، ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا ئىككى جاينى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۇي، جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر