• تەۋسىيە ماقالىلەر

تىنچ، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىلغان يېڭى مەدەنىيەت يولىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس بىلدۈردى

 گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا تىنچ تەرەققىيات دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت يولىدىن چىقىش قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ۋە ئىلگىرىلەش نىشانىنى پىلانلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېسىل نۇتقى گېزىت، تور، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىلىپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى زور مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى شىنجاڭغا تېپىلغۇسىز تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش – ھەمكارلىشىش سەھنىسىنىمۇ ھازىرلاپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە بىز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىپ كىرىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنىڭ ئۆزئارا سىغدۇرۇشى، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا يولى، تور››نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ تېزلىتىپ، رايون ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون بۇلۇت ھېسابلاش مەلۇمات مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ئاساسىي مەلۇمات بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق چوڭ شەھەر ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مەركىزىي شەھەرگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىنى ياخشى ئىشلىتىپ، قورغاس – ئالاتاۋ ئېغىزى، قەشقەر – ئاتۇش، ئالتاي – بېيتۈن، جۇڭگو – قازاقىستان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى قاتارلىق رايون ئىقتىساد ئېشىش قۇتۇپىنى پائال يارىتىشىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو – ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقئارا بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىنى قۇرۇشىمىز؛ پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ خەلقئارالىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ھېسابلاش، پېرېۋوت سودىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو جۇڭگو – ئاسىيا خەلقئارا رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 قومۇل چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى گو ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنىڭ سۆز – ئىبارىلىرى ئېنىق بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا يولى ۋە سودا شەكلى ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە راۋاجلاندى، تاشقى سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئاشتى. قومۇل شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، قومۇل چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسى ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ، پىرىيوم – كارانتىن سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

 قورغاس ‹‹ئەندا›› يېڭى ئېنېرگىيەلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چيەن شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا گۈزەل تەرەققىيات كەلگۈسى ۋە زور بوشلۇق ئەندىزىسى نامايان بولدى، ئۇنىڭ ئوينايدىغان رولى تېخىمۇ مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. شىركىتىمىز قورغاسنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تىرەك نۇقتىلىق جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، قورغاستا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تۈرىنى يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، قورغاسنىڭ كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقى ئىنتايىن زور، كارخانىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا زور ئىشەنچى بار.

 شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى يارقىشلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچيېكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى جاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىننى چوڭقۇر چۈشىنىشى ئۈچۈن، بىز ياشلارنىڭ تېخنىكا – ماھارەت تەربىيەسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا ئالاقىدار ساۋات ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كۆپچىلىككە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتىنى سۆزلىدۇق.

 بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى ‹‹جيېشىن›› مەھەللىسىدىكى ئۇلانباتۇر يان تېلېفونىدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان بۈيۈك ئىش، بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە ۋۇجۇدىمىز ۋە زېھنىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

(مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، دۇڭ شاۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سۈن ۋېيشيا، كۇ جۈنفېڭ، ئەن يەن، ياڭ يۇڭخۇا، دۇڭ ۋېنخۇي خەۋىرى)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر