• تەۋسىيە ماقالىلەر

زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشكە كۈچ چىقىرىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات–نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پىروگرامما يوللاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ كېرەم

 مىللىي بۆلگۈنچىلەر چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلار بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەسەبىيلىشىپ، بىر نەچچە قېتىم ئېچىنىشلىق، قەبىھ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىر، ئاممىغا روھىي جەھەتتىن زور زىيان يەتكۈزدى.

 مەن بىر ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكى مۇناپىقلار پەيدا قىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا چەكسىز نەپرەتلىنىمەن. بىز ئۇيغۇر كادىرلار چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسى ئالدىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، پۈتكۈل جەمئىيەت ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەنلىك.

 ھازىرقىغا قاراپ، ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇش ئېتىقادىمدا قەتئىي چىڭ تۇرىمەن، تارىخ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئالىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق – تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاكا – ئىنىلەر، ھەدە – سىڭىللار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پىروگرامما يوللاش مەركىزى ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ئەكسىيەتچىل، زىيانلىق سادالارنى بېسىپ چۈشۈش››تەك سىياسىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپىنى چوقۇم زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى جامائەت پىكرى كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز؛ يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشتىكى پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر