• تەۋسىيە ماقالىلەر

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى جان تىكىپ قوغدايمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا–خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى ئەكبەرئەيسا

 مەن ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1983–يىلى 9–ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم، كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇپ، تەلىيىمگە بىر نەچچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ جەرياندا خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ياشىدىم، بىللە ئۆگەندىم ۋە پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. نۇرغۇن خەنزۇ ئوقۇتقۇچۇم مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمگە كۆپ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈردى. 1999–يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى فىزىكا – خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىدىم. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن ھەممە يەردە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى – مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم. خىزمەت داۋامىدا كۆپچىلىك ئۆزئارا قوللىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي دورىگەرلىك ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قاتار پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتۇق، ئۇيغۇر دورىگەرلىكىدە تۇنجى ئەۋرىشكە بايلىقى ئامبىرى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر دورىگەرلىكىدە تۇنجى بولۇپ بەش خىل يېڭى جۇڭيى دورىسىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىش تەستىقىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر دورىگەرلىكىدە خىمىيەلىك ئۆلچەملىك بۇيۇملارنى بارلىققا كەلتۈردۇق؛ پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايون قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق؛ باش ئالىم سۈپىتىدە ‹‹شىنجاڭدا ئىشلەنگەن جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى، يېڭى دورىلار تەتقىقاتى›› مەخسۇس تۈر پىلانىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان 46 خىل دورا ماتېرىياللىرى ۋە 15 خىل تەييار دورىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى تەتقىقاتىنى تاماملىدىم؛ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت تۈردە پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۇق، مەنمۇ شەرەپلىك ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى بويىچە ‹‹كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ياش، ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس››، مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون بويىچە پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتىم. بۇ نەتىجىلەرنى مەن يالغۇز قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەسى، ھەر مىللەت رەھبەرلەر، كەسىپداشلار، دوستلارنىڭ ياردىمى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمىغان بولاتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بار ئاماللار بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان قانلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرى گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلغانلىق. ئۇلار ھەر قانداق بىر مىللەتكە، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلار، پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى! ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىلھاملاندىم. قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ھەققانىيەتنى قوغداشتىن ئىبارەت بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش، بىز چوقۇم بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى، ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

 مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالاھىدە سىياسىي سىناق ئالدىدا، ھەممىمىز مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. مەن چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پەن تەتقىقات كوللېكتىپىمىز ۋە ئەتراپتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا تەسىر قىلىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەنلىكىگە مول پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن؛ پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىم ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايمەن؛ شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى ۋە تىنچ، ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن جان تىكىپ قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر