• تەۋسىيە ماقالىلەر

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق پارتىيەلىك كادىرلاردىن بولايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئىسلام

يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتتى. پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىزنى ئېيتىپ، كۈچلۈك ئورتاق كۆز قاراش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھېس- تۇيغۇسى بىلەن بىزنى سەگەكلەشتۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا سالدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، قەتئىي سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقىمىز، قەتئىي قول قوۋۇشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولدى، بىز بۇ مەرەز ۋە مىللىي مۇناپىقلارنى تازىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق − ئاپەت. مەن 1996-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىغا تەقسىم قىلىندىم، ھەر مىللەت ئاكا- ھەدىلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن تەربىيەلىشىدە قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، ھەر مىللەت يولداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشى، ئىناق- ئىتتىپاق خىزمەت مۇھىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم بۇنچە تېز بولمىغان، شۇنداقلا بۇنچە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرەلمىگەن بولاتتىم.

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىز. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان تۈپ سىياسىي تەلەپ، ياخشى كادىر بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتىمەن.

تەرجىمە باشقارمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەڭ مەركەزلەشكەن باشقارما بولۇپ، بۇ باشقارما كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىدىيەۋى تەربىيەنى قەتئىي بوشاشماي، ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، باشقارمىدىكى بارلىق يولداشلاردىن ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ، «مۇقىملىق − بەخت- سائادەت، مالىمانچىلىق − بالايىئاپەت» دېگەن قائىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «قوش تىل» ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل سەپسەتىلەرگە مەردانىلىك بىلەن رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق ۋە مۇقىم ۋەزىيەتنى ئاڭلىق قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقىنى نامايان قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىز ۋە گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر