• تەۋسىيە ماقالىلەر

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئايۇپ تېيىپ

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بېكىتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئاساسىي قوللانما ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەندى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئونتۇماي، ئۇنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلەتسەكلا ئىدىيەۋى تونۇشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز.

 يېقىندا يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەسىرلەندىم، ھاياجىنىمنى ئۇزۇنغىچە باسالمىدىم. ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا بىزنىڭ ئورتاق يۈرەك سادايىمىز ئىپادىلىنىپتۇ، ئۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئېلان قىلىنغان جەڭنامە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى قاتتىق ۋەدىدۇر. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتىسيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، جەڭگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە تارىخىي بۇرچىمىزدۇر.

 شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، جۇڭگونىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ بىللە راۋاجلىنىپ، چۆلنى، چېگرانى بوستانلىققا ئايلاندۇردى؛ شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاتناش تورى گىرەلىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق شارائىتلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە بارغانسېرى زور ئۆزگىرىش بولدى، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بارغانسېرى تېزلەشتى. شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىققا قۇتراتتى، بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، گۈللەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جەمئىيەتتىكى ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››، ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇناپىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

 مەيدان مەسىلىسى تۈپ پىرىنسىپال مەسىلە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى سىنايدىغان ‹‹سىناق تېشى››، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىپادىسىنىڭ لاياقەتلىك بولغان – بولمىغانلىقىنى سىنايدىغان ئۆلچەم. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىمەن. ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىچىكىمدىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە مەكتەپكە بېرىپ، بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم، بىز ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوستلۇقىمىز چوڭقۇر، قان – قېرىنداشتەك بولۇپ، ‹‹سېنىڭ، مېنىڭ›› دېيىشمەيتتۇق. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇل تاش ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدۇم ۋە بۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. شىنجاڭ ھازىر ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەن باشتىن – ئاخىر مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادىمنى ئۆزگەرتمەي، سىياسىي يۆنىلىشىمدىن چەتنىمەي، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە تونۇشتا مۈجىمەل، پوزىتسىيەدە تۇراقسىز بولماي، ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلماي، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ھازىر مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا، بېيىشقا ئىنتىلمەكتە، ئۇلارنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىشەنچىسى كۈچلۈك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى ۋە جەڭچىسى بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويماسلىقىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاندەك ئۇر – ئۇرغا قويۇپ ۋە يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ئۇنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پاكىز يوقىتىشىمىز؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات سېپىل قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر