• تەۋسىيە ماقالىلەر

مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتھەسەن توختالى

 مەن جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن تەڭ ياشتا، مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىش ۋە قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىگە شاھىت بولدۇم. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، مەن قىرغىز مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولدۇم. 60 نەچچە يىللىق بۇ تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇپ، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇردى، سوتسىيالىزم يولىدا ماڭدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلار ۋە خەلق تۇرمۇشى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخىي سەھىپىلەر پۈتۈلدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئىلگىرى مېنىڭ يۇرتۇمدىن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يېرىم كۈنمۇ كەتمەيدۇ، ئايروپىلانغا ئولتۇرساقمۇ، پويىزغا ئولتۇرساقمۇ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرساقمۇ ناھايىتى قولايلىق. قىرغىزلارنىڭ داستانى ‹‹ماناس›› غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى، مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتىدا كۈنسېرى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى چوڭ قەدەملەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ‹‹توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى›› ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بۇنى كۆرۈپ، كۆڭۈلدە ساقلاپ، بۇنىڭغا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شۇڭا، بىز ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مىللىي رايونلارغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز؛ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا ئاتا قىلغان ئىللىقلىقىنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلىشىمىز؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىدىن سېپىل ياساپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ۋە ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

 مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئاساسىي قاتلام كادىرىدىن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم، شەخسنىڭ ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلىشىگە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئاساسىي تۆۋەن چېكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسى. مەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىغا، ئەينى ۋاقىتتىكى كومپارتىيەگە كىرىش قەسىمىمگە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە قەتئىي سادىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدىگەن بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى سادىقلىق بىلەن، كەم – كۈتسىز، جانلىق، قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھەر بىر تەدبىرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

 پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەيلى ئىشلەۋاتقان ياكى پېنسىيەگە چىققان بولايلى، سىياسىي جەھەتتە جەزمەن سەگەك بولۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەن مۇستەھكەم سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشنى ئۆزۈمگە قويىدىغان ئەڭ مۇھىم تەلەپ قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە پوزىتسىيەرىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

 شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، شىنجاڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەبىھ، غالجىرانە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت – بەشىرىسى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ياۋۇز تەبىئىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. مەن ھايات – ماماتلىق بۇ كۈرەشتە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي ئۈزۈل – كېسىل كۈرەش قىلىمەن.

 مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرىمەن؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەشتە ئاكتىپ، ياراملىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا جەسۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خاتا ئىدىيەلەرگە ئەستايىدىل رەددىيە بېرىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆزۈم نەمۇنە، ئۈلگە بولىمەن؛ پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇل بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇش، قۇربان بېرىش روھى بىلەن، ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنى ۋە خىزمەتچىلەرنى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى كىشىلەرنى يېتەكلەيمەن؛ ھەر قانداق سورۇندا مەردانىلىق بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمەن. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر