• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي بازىنى قەتئىي قوغدايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى›› تېمىسىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، قەسەمياد يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەسەمياد يىغىنى قەلبىمىزنى مۇجەسسەملەپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتتى، بىز بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي بازىنى قەتئىي قوغدايمىز.

    شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئۆمەرجان ئېلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش، ۋەتەننى پارچىلاش ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنى. ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز، قاتتىق ئويلىنىشىمىز، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرسخانىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسلىق يولنى چىڭ تۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە سىياسىي مەيدانى ۋە سالاھىيىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە، ‹‹غايىلىك، ئارزۇسى بار، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، پەزىلەتلىك، سەۋىيەلىك›› لاياقەتلىك قۇرغۇچىلاردىن، ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلىشىمىز ھەم شۇنداق بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساس پەنلەر تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئايشەمگۈل قاسىم بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق دېدى: بىز مۇنبەر ئارقىلىق ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم – پەننى يۈكسەك بىلىدىغان، نادانلىققا قارشى تۇرىدىغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پېشقەدەم ئالىملارنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يىراقتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇزەپپەر مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالىي دەرىجىلىك زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم بار، ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىشقا، ئۇلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئىبراھىم كېرەم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل قىلمىشىغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بىز پائال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختىيار تۇرمۇشى ئۈچۈن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قەتئىي ھالدا ‹‹ياق›› دېيىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي بازىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قوغدىشىمىز كېرەك.

    قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېتەكچىسى نۇرئېلى ھۇشۇر مۇنداق دېدى: مەكتەپ يېتەكچىسى ئوقۇتقۇچىلىق ۋە كادىرلىقتىن ئىبارەت قوش سالاھىيەتكە ئىگە، مەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىلىك ۋە باشلامچىلىق مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئالىمەن. مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئادەم تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىم ۋە بۇرچ ئېڭىمنى كۈچەيتىمەن، ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى يېڭى بالداققا كۆتۈرىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر