• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى سانجى ئوبلاستىدا تارقىتىلدى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  گې يۇجۈن، مىڭ خۇيتيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت بىر تۇتاش كودلاشتۇرغان تۇنجى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سانجى ئوبلاستىدا تارقىتىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىنىڭ مۇھىتىنى باشقۇرىدىغان يادرولۇق تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق›› بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەت مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى سانجى ئوبلاستلىق ‹‹فېيئەننى›› قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىگە بېرىلدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇھىت ئاسراش مەخسۇس ئىشچىسى رېن لىڭجيې مۇنداق دېدى: يېڭى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەت تۈزۈمى مۇھىت باھالاش تۈزۈمى، ئومۇمىي مىقدارنى بىرىكتۈرۈپ كونترول قىلىش تۈزۈمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە كارخانىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىت باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنىمۇ ئۇچۇر سۇپىسىدا ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، ئۇچۇر سۇپىسىدا كارخانىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، يېڭى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىجازەتنامىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، يېڭى ئىجازەتنامىگە بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئاتموسفېرا، سۇنى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى ۋە ئىجازەت چېكى، ئىجازەت شەرتى قاتارلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچلەردىن باشقا، يەنە كارخانا ئۆزى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، مۇھىت باشقۇرۇش ھېساباتى، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش دوكلاتى قاتارلىق مۇھىت باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى تەلەپلەر قوشۇلغان.

 سانجى ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېر جاڭ بىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مەزگىلىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر مەمۇرىي ئىجازىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كارخانىلار ئىجازەتنامە ئالغاندىن كېيىن بۇلغىما تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى تەلەپ بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھەم ‹‹بۇلغىما ھاسىل قىلىش، بۇلغىما تىزگىنلەش، بۇلغىما چىقىرىش››نىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ياخشى ساقلاپ، بۇرۇنقى پاسسىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى دەلىللەپ، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ئۆزگەرتىشى كېرەك.

 ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 100دىن ئارتۇق ئوت ئېلېكتىر(زاپاس ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قەغەزچىلىك ساھەسىدىكى كارخانىلاردا بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ؛ يىل ئاخىرىغىچە پولات – تۆمۈر(پولات – تۆمۈر پىروكاتلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سېمونت(ئۇۋاقلاش پونكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نېفىت خىمىيە، خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، بوياقچىلىق، تېرە ئاشلاش، كوكسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاش، دېھقانچىلىق دورىلىرى، توك ئارقىلىق ھەل بېرىش قاتارلىق 13 ساھەگە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ. باشقا ساھەلەردە دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئارقا – ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، سىستېمىلاشقان، ئىلمىيلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، ئىنچىكىلەشكەن، ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان ‹‹بىر كىنىشكا›› بىلەن باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر