• تەۋسىيە ماقالىلەر

پولات قورغان ياساپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ لىڭ

 ئاساسىي قاتلام تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئالدىنقى سەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىدىغان تايانچ كۈچ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پەيدا بولسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بۈيۈك ئىشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنىدا كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى.

 بىز قەسەمياد يىغىنىنى يېڭى پەللە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان كادىرلارنى يېزا – بازار(كوچا)لارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە تاللاپ كىرگۈزۈپ، كەنت(مەھەللە) ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنى كۈچەيتىشىمىز، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى ۋە 1 – شۇجىسىنى ياخشى تاللىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشىمىز، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ھادىسىسى بار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىشىمىز كېرەك. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى قەتئىي ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر