• تەۋسىيە ماقالىلەر

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ‹‹ئاۋانگارتلىرى››دىن بولۇشقا تىرىشىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مېڭ خەنجياڭ

 شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ جاراڭلىق قەسىمى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشانغا يېتىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈردى.

 بىز قەسەمياد يىغىنىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇشىمىز كېرەك. بىرىنچى، مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرىدىغان پارتىيە ئەزاسى، كادىرلارنى باشقۇرىدىغان كادىر بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتەك ئالاھىدە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. بىز كۈندىلىك تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىشىمىز؛ كۆزىمىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، كۆپ نۇقتىدىن ئىستېرېئولۇق ئىگىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ گېپىنىلا ئەمەس، ھەرىكىتى ۋە روھىي ھالىتىنى كۆزىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىلىك››نى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشىمىز؛ كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىلىك››كە چېتىشلىق ھەر قانداق گۇمانلىق نۇقتىنى بوش قويۇۋەتمەي، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، قابىللارنى تاللاپ، ئىقتىدارلىقلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ‹‹فىليۇگېر››نى ياخشى تىكلىشىمىز كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتلىرىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك ياخشى كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە بايقاپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك ياخشى كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹ئاۋانگارتلار››دىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، دادىللىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قاراۋۇل، ئاۋانگارت، زەربىدارلاردىن بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ۋە نەتىجە يارىتالايدىغانلارنى دادىل قوللاپ، باتۇرلۇق بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ‹‹ئاۋانگارتلىرى››دىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر