• تەۋسىيە ماقالىلەر

كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك كەيپىياتىنى قەتئىي يوقىتايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ شياۋفەن

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنى ‹‹ھۇجۇم سىگنالى››نى چېلىپ، ‹‹سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى›› بەردى، بۇ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارىتا ئۆتكۈر شەمشەر غىلاپتىن سۇغۇرۇلغان، شەمشەر ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر قېتىملىق كونكرېت ھەرىكەت. ئوبلاستىمىزدىكى بارلىق تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر بۇرچنى زىممىسىگە يۈكلەپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك كەيپىياتىنى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك.

 بىرىنچى، ‹‹پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش، تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك كەيپىياتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، ئېنىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ياخشى كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە تەربىيەلەپ، كادىرلارنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەربىيەلەش، سىناش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلغانلارغا ئورۇن بېرىپ، ئېنىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق باش نىشانغا يېتىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش سىياسىي ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تۈپ خىزمەت ئۆلچىمى ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھالدا يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ پاكىز تازىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە پۇت تىققۇدەك جاي قالدۇرماسلىقىمىز، پارتىيە قوشۇنى ۋە سىياسىي ئېكولوگىيەنى پاكلاشتىن ئىبارەت ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر