• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئادىل ئىش قىلىپ، ۋىجدانلىق بولۇپ، ئۇلنى پۇختىلايمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 3–باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەمەتئېلى تۇرغۇن

 مەن ‹‹بىپايان قۇملۇقتىكى مەرۋايىت›› دەپ نام ئالغان مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇ يەر شىنجاڭ ‹‹دولان مەدەنىيىتى››نىڭ بۆشۈكى بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر ‹‹دولان يۇرتى››. ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ ۋە ياشاپ، ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدىم. ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، كاللامدا ئەزەلدىن مىللەت ئايرىمىسى يوق ئىدى. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىلگەن ئۇلۇغ دەۋردە پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، يېزا – قىشلاقتىكى ئاددىي كادىردىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رەھبىرى كادىرى بولدۇم، ھەر قېتىمقى ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىمنى تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، مەيلى قاچان، قەيەردە ياكى قايسى ئىش ئورنىدا بولاي، قەتئىي تەۋرەنمەستىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭدىم.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت ۋە دىننى دەستەك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا قىلىپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلدى؛ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بەزىلەرنىڭ كۆزىنى توسۇۋېلىپ، سىڭىپ كىرىپ ئېغىر زەھەرلىدى، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە قانلىق دېلولار ئاددىي – ساددا، ئاق كۆڭۈل، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئۇيغۇرلارغا ‹‹تېررورچى›› دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويدى؛ دەل مۇشۇنداق مىللىي مۇناپىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىنى بۇلغىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسى ئۇلارنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن، بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. بىز مەسئۇلىيەتتىن قاچساق بولمايدۇ، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇلار داغ چۈشۈرگەن ئىززەت – ئابرۇيىمىز ۋە شان – شۆھرىتىمىزنى قايتىدىن تىكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.

 پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش ئەڭ مۇھىم تەلىپىم. پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە قىزىل چەك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، ھەرگىز مۈجمەل ۋە ئىككى بىسلىق گەپ قىلماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، قورقماي ۋە چېكىنمەي، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان باشلامچىلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

 تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا يىغىپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخلىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارقا – ئارقىدىن مۇشت ئېتىپ، ئىشنى بىر – بىرلەپ ئاخىرىغىچە ئىشلەيمەن؛ ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي گەپ قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش›› يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ئىستىلى ياخشى ئادەملەرنى تاللاپ، ئادىل ئىش قىلىش، ۋىجدانلىق بولۇش ئۇسۇلى بىلەن ئادىل ئىش قىلىدىغان، ۋىجدانلىق ئادەملەرنى تاللايمەن؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدىكى ‹‹مەرەز››لەرنى يوقىتىپ، باش نىشانغا يېتىشكە پۇختا تەشكىلات ئاساسى سالىمەن؛ مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئىستىلغا جەڭ ئېلان قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ئىشلىتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى بولماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن؛ ئىش ئورنۇمنى بازا سۈپىتىدە ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر