• تەۋسىيە ماقالىلەر

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 خوتەن ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى غېنى سۇلتان

 يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە سانجىلغان خەنجەر، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزى ئېيتىلىپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

 مەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىنلا قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. دادام يېزىدىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››نىڭ بىرى بولۇپ، قاراقۇرۇم تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان خوتەن زېمىنىدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشكە شاھىت بولغان، ئائىلىمىزدىكى چوڭدىن – كىچىككىچە ھەممەيلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە ئېرىشكەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى نۇرغۇن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. پولاتتەك پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، خوتەن خەلقىنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى.

 ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتنى دەستەك قىلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قانلىق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن چېكىدىن ئاشقان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي، ياۋۇز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ئۇلار بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار؛ ئۇلار دۆلەتكە، خەلققە، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ھېسداشلىق قىلىدىغان، سۈكۈت قىلىدىغان، يول قويىدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان، ھەتتا زوراۋان – تېررورچىلارنى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قوللايدىغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەت پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋەيران قىلىپ، بەختىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ.

 بۇ يەردە تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيەگە ئاڭلىق ھالدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئوغلى بولىمەن؛ ئىشنى ئۆزۈمدىن، ھازىردىن باشلاپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، مەيدانى تۇراقسىز، تونۇشى مۈجمەل، ھەتتا زوراۋان – تېررورچىلارغا يانتاياق بولغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىمەن؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىمەن؛ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى، تەشكىللىگۈچى، قوللىغۇچى، ئەگەشكۈچى، يولغا قويغۇچى قاتارلىق قارا قوللارنى قەتئىي، تەلتۆكۈس قېزىپ چىقىپ، يىلتىزىدىن تولۇق يوقىتىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر قانداق چاغدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن؛ پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغان، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، بىنورمال ئەھۋاللارنى توسىدىغان، ئاممىۋى خىزمەتكە قاتنىشىدىغان، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلاردىن بولىمەن.

 ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇيغۇر مىللىتىنى دوزاخقا، ئاپەت گىردابىغا ئىتتىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز. مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرساقلا؛ كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىساقلا؛ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىپ، تىرىشچانلىق بىلەن بېيىساقلا؛ ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى››نى يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن مەھكەم ئورۇن ئالدۇرساقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل بولىدۇ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر