• تەۋسىيە ماقالىلەر

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار مەمەتئىمىن ئابدۇرېھىم

 شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە ئالاقە جەريانىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا، ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىزچىل ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. شۇنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى بولمايتتى؛ جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ قوينىدىن ئايرىلساق مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىمىز؛ بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدىن كەلگەن.

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېھىر – شەپقىتى چەكسىزدۇر. مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدە تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان رەھبەرلەر، خىزمەتداشلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، 1962 – يىل 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى كۇچا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا بېرىپ بىر سۆز، بىر جۈملىدىن خەنزۇچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ئالتە يىل جەريانىدا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشىدىم، نۇرغۇن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. 1965 – يىلىدىن 1966 – يىلىغىچە تيەنجىن ۋۇچىڭدا دېھقانچىلىق قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم ۋە سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، خەنزۇ خىزمەتداشلار، بوۋاي – مومايلار بىلەن يېمەك – ئىچمەكتە، يېتىش – قوپۇشتا، ئىش – ئەمگەكتە بىللە بولدۇم. ئۇلارنىڭ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈللىكى ۋە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇپ قالمايمەن. 1988 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 1 – شىسىدا پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولۇپ، شىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتىم. بىڭتۈەن رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە بىڭتۈەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچۈمنى بېغىشلىدىم. خىزمەت جەريانىدا كۆپچىلىك ئۆز ئارا قوللاپ، ئورتاق تىرىشتۇق، ھەممىلا يەردە ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق رىشتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

 ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت، بۇ، قىل سىغماس ھەقىقەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. ئۇلار دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى كۈچىنىڭ بارىچە تارقاتتى، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، زور زىيان سالدى؛ ئۇلار تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلققە قاراتتى، يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنى ھاڭغا ئىتتەردى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسى تولۇق ئاشكارىلاندى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى!

 قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان كۈرەشتۇر، بىز بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى، ھېچقانداق مۇرەسسە قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

 شىنجاڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، بۇنىڭدا بىڭتۈەن ئالاھىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەن ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا بېكىتكەن يېڭى ئورنىنى، بىڭتۈەن خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلەپلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىگە قويۇشىمىز كېرەك.

 پارتىيە ئۈچۈن ئۇزاق يىل خىزمەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە مەڭگۈ قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن؛ باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىلىك ئىجراچىسى ۋە باشلامچىسى بولىمەن؛ تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىق ئالاھىدە رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، پارتىيەگە بولغان قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتىم، مىننەتدارلىقىمنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە تىنچ – ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر