• تەۋسىيە ماقالىلەر

پارتىيە بايرىقىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەۋلان قىلدۇرۇش

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان (7)

  خەن چىنيەن

 پارتىيە رەھبەرلىك يادروسى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا.

 مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرقاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› تېخىمۇ كۈچەيتىلدى

 پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹تەۋەررۈك››تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتتىن ئىبارەت جان تومۇرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن – ئاخىر نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيەۋى ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆگىنىش – تەربىيە بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس پائالىيىتى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.

 ھەرىكەت ئورتاق تونۇشتىن باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاۋۋال ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنى بىر قاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇر 44 قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈردى.

 ۋىلايەت، ئوبلاست، تارماقلار دىققەتنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى ئەينەك››، ‹‹ئىككى خىل دەرسلىك ماتېرىيال››دىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىنى كۈچەيتىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ قايتا ئويلىنىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش جەريانىدا تەربىيەلىنىپ، ھېيىقىشنى بىلىپ، تۆۋەن چەكنى چۈشىنىشكە يېتەكلىدى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، قائىدە چىقىرىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات ياراتتى.

 ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇشنىڭ ئاساسى غايە – ئېتىقاد بولۇپ، ئاساس پۇختا بولسا، ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئاڭلىق كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېز ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى.

 پارتىيەلىك كادىرلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ئىنكاس قىلدى: ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى پائالىيىتى ئارقىلىق ‹‹تاۋلاندۇق››، ئىدىيە، پارتىيەۋىلىك، ئىستىل جەھەتتە قايتا – قايتا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدۇق ۋە غەيرىتىمىزنى ئاشۇردۇق، پارتىيەۋىلىك ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇردۇق، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بايراقدارلىق رولى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

 ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەندى.

 قابىللارنى تاللاش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

 شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئادەم ئىشلىتىش مۇھىم. ‹‹ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك – دىيانەتلىك›› ياخشى كادىرلاردىن بولۇش ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ‹‹چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى جەھەتتە ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش›› سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى بىلەن ئەمەلىي ئىپادىسى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ‹‹كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى›› ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىپ، تەرتىپ، مەسئۇلىيەت، ئۆتكەل چىڭىتىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىندى.

 پارتىيەنىڭ كادىرلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش داۋامىدا، ھەم سىياسىيدا ئىشەنچلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل كۈرەش قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئىشلىتىشكە، ھەم ئۇزاق ۋاقىت شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر خەنزۇ كادىرلار ۋە شىنجاڭغا كىرگەن كادىرلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئىشلىتىشكە، ياش كادىرلار ۋە ئايال كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئىشلىتىشكە، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق سەپلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىرىشىپ سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلدى.

 نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەندى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى تۇتۇش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك – دىيانەتلىك›› ياخشى كادىرلاردىن بولۇش ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ‹‹چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى جەھەتتە ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش›› سىياسىي ئۆلچىمى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، سىياسىي ئۆتكەل، قۇرۇلما ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى، يۆنىلىش ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلى، نازارەت ئۆتكىلى، مەسئۇلىيەت ئۆتكىلى قاتتىق ئىگىلىنىپ، ‹‹چاتىقى بار كادىرنى سايلاش، ئۆستۈرۈش››نىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىندى.

 ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇلۇپ، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا، ئەمەلىي نەتىجىسىگە، ئاساسىي قاتلامغا، ھەممە ئېتىراپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، راست سۆزلەيدىغان، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيەگە سادىق، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىغا، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كادىرلار زور كۈچ بىلەن تاللاندى.

 كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، كۆيۈنۈلۈپ، ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىنىپ، سالامەتلىكى ھەقىقىي ئاسرىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلىسىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىندى، تەمىناتىنى ياخشىلاشقا دائىر سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مائاشى نورمال ئېشىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى.

 ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئىجادچان باشلامچى ئىختىساسلىقلار، كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار ۋە يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلار كۈچەپ كىرگۈزۈلۈپ، ئىختىساسلىقلار جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىلىپ، كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلايدىغان، ئاسرايدىغان، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلالايدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان، مۇۋاپىق پەيتتە ئىشلىتەلەيدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.

 كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى

 شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى چوقۇم شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تىرىشىپ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك››.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملىدى.

 پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كەنت ۋە مەھەللىلەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، شارائىت ھازىرلانغان مەھەللە، شەھەر – بازارلاردىكى مەھەللىلەردە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەترەت (شۆبە مەيدان)لىرى، كان رايونلىرى، كارخانىلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا – سانائەتچىلەر، ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنى قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، رايونلاشقان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە رولى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ يەردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى باشقۇرۇشىغا، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىلدى.

 ئاممىۋى خىزمەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كەنت(مەھەللە)لەرگە چۈشىدىغان خىزمەت كۈچلىرى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىلىپ، ئامما ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى سېلىندى. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 450 مىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، 1 مىليون 520 مىڭدىن ئارتۇقراق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، 1 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك شەكىلدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  تەشكىلاتلارنى پاكلاشتۇرۇش ۋە مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تەرتىپكە سېلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ يىل ‹‹غەلۋىر›› دىن ئۆتكۈزۈش شەكلىدە باھالىنىپ، %10لىك نىسبەت بويىچە تەتۈر تىزىلىپ، ئارقىسىدىن باشلاپ كىرگۈزۈلۈپ، ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىندى، ئىدىيە، تەشكىلات، ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەرىكەتچان باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. بارلىق كەنت (مەھەللە) لەردىكى ئىلگىرى يۈز بەرگەن تۈرلۈك دېلو (ۋەقە)لار ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىلىپ، ‹‹كەنت زومىگىرى››، جەمەت تۈسىنى ئالغان مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپى بېرىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.

 پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە زورايتىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سەپلىرىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سەپلىرىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەرتىپ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ھەر يىلى پارتىيەگە بەلگىلىك ساندا ئەزا قوبۇل قىلىنىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

 پارتىيە قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى كۈچلۈك سەپلىنىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹ئۈچ بىر›› ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى؛ ‹‹بەش بىر›› نۇقتىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، نۇقتىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۆلەش تەسەۋۋۇرى، مەسئۇلىيىتى، تەدبىرى، تۈرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ۋە ۋاقتىدىن ئىبارەت ‹‹ئالتىنى ئائىلىگە يەتكۈزۈش››، قاتتىق باھالاش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىغىچە ئالاقىنى ئۈزمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلۇپ، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، بىر يۈرۈش ئاساسنى پۇختىلاش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ى كەينى – كەينىدىن ئېتىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر