• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاشنىڭ تەدبىرى قىلايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 ئاساس پۇختا بولمىسا، جاھان تىنچ بولمايدۇ. خەلق ئاممىسى مەڭگۈ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەڭگۈ خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشتىكى مۇستەھكەم ۋاسىتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچ كۈچى ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ‹‹يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز جەزمەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، مەيلى مۇقىملىق ياكى تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشتا بولسۇن، ھەممىدە كۈچكە ۋە زاپاس كۈچكە ئىگە بولىمىز››. ‹‹ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىش كېرەك››. ‹‹يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىسىگە يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. مەيلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەش ياكى شىنجاڭ خىزمىتىگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش بولسۇن، ھەممىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئېنىق يۆنىلىشى، يەنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى خاتىرجەم قىلىشتا ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇھىم؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا ئاساسنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىلانلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تايانچلىق، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى يەنىمۇ ياخشى ئېتىپ، بوشاشماي قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنى ئىناق، مۇقىم قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ.

 ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى. شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلامنى ئۇزاققىچە تۇتۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساس سېلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاشتا، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىرادە بىرلىكى، نىشان بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىگە ئىگە بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، شۇڭا پۇختا ئىش قىلىپ ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

 ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى تەدبىر. پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى بولۇپ، كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى ئەمەسلىكى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، ‹‹<ئۈچ خىل كۈچ> شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز››. شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئىزچىل كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەپ، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىقنى ھەم شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ئەڭ چىڭ ئىستىل بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سالمىقى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاشنىڭ تەدبىرى قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ مېڭىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلسىلا، ‹‹ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش››تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر