• تەۋسىيە ماقالىلەر

قەشقەر-كورلا-قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  شىنجاڭ شەھەر ئىستېمالى شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 20-ئىيۇن سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6891 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ كورلىغا قونىشى كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى كېسىپ ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي ئايروپىلان قاتناشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ لىنىيەدە قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارغا بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ، كورلىدىن قارامايغا بارىدىغان بېلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 260 يۈەن، كورلىدىن قەشقەرگە بارىدىغان بېلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 410 يۈەن بولغان.

    قەشقەر-كورلا-قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈن تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ پەيتلىك بايلىقى قىس بولۇش ۋەزىيىتىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن، يەنە كورلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا ئادەم بايلىقى، ئەشيا، ئۇچۇر، تېخنىكا، پۇل ئوبوروتى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر رايونىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە، كورلا شەھىرىنىڭ ئوبرازى ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر