• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئۇيغۇر دوكتور تۇرسۇن ئەبەينىڭ ‹‹ئوتتۇرا تېخنىكومدىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغىچە›› تېمىسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ۋە يۈرەك سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

 گېزىتىمىز ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئۇيغۇر دوكتور تۇرسۇن ئەبەينىڭ ‹‹ئوتتۇرا تېخنىكومدىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغىچە›› تېمىسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ۋە يۈرەك سۆزى گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى سۆزلەش ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 راھىدىن ئابدۇرازاق ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى، ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا خەلقئارا سىياسىي – ئىقتىساد دوكتورلۇقىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق كادىرلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى بويىچە 2016 – يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتورلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. راھىدىن ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: ئەگەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى سىياسىتى بولمىغان بولسا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدەك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشۇم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولغاندىلا، ئىجتىھات بىلەن تىرىشساقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىغا، تەربىيەسىگە يۈز كېلەلەيمىز. شۇڭا، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا داۋاملىق ئەلا مۇلازىمەت قىلىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا چاقىرىشىمىز، يۇرتىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىش – ئىزلىرىنى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يۇرتىمىزدىكىلەرگە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.

 جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى گۈلى جاپپار ‹‹غەربىي رايون نۇرى›› ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ئۇنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل تېمىغا مەسئۇل بولۇپ، يەتتە تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا، غوللۇق تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹973›› تۈرىنىڭ دۆلەت نۇقتىلىق ئاساسىي تەتقىقات تەرەققىيات پىلانى، دۆلەت پەن – تېخنىكا تايانچ پىلانى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك تېمىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولىمەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ۋە شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن. مەن ئۆز ئارتۇقچىلىقىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، سىياسىي ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن.

 ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا غوللۇق خادىملىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى دالا 2015 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى 9 – خەلق دوختۇرخانىسىغا بىر يىللىق ئالاھىدە تەربىيەلىنىشكە باردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ماڭا قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، مەن بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلغار نەزەرىيەۋى بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆگەندىم، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا ياخشى دوختۇر بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرىم ۋە داۋالاش تېخنىكام ئارقىلىق يۇرتۇمدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

 قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى رامىلە ئۆزىنى تۇرسۇن ئەبەيدەك تەلەيلىك ھېس قىلدى. رامىلە 2011 – يىلى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يېزا دوختۇرلۇقى نىشانلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ يىل ئوقۇدى، دۆلەت ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى. ئۇ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن چۇرگۇل بازارلىق شىپاخانىغا قايتىپ كېلىپ دوختۇر بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدۇم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى تەربىيەلىگىنىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن. كىمكى ھازىرقىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز! مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرىمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېنى تەربىيەلىگىنىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانىغا قاتناشقان ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىلىق ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شېرىنئاي ناسىر مۇنداق دېدى: خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ تەربىيەلەش پىلانىغا قاتنىشالىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا مۇشۇنداق پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە غايە، ئېتىقادىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسى بىلەن بىرلەشتۈرىمەن. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر