• تەۋسىيە ماقالىلەر

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشقا قەسەم قىلىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 قاراماي شەھىرىدىكى 100مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

 قاراماي شەھىرىدە 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيلى›› تېمىسىدا 10 مىڭ كىشىلىك كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەھەردىكى تۆت رايون، كەنت(مەھەللە)، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ بۇ پائالىيەتنى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزدى. 100 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئامما كوللېكتىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت››لىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىيلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تەنتەنىلىك جەڭ ئېلان قىلدى.

 پائالىيەتنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى شەھەر ئورگىنىنىڭ جەنۇبىدىكى مەيدانغا تەسىس قىلىندى، تۆت رايون ئورگىنى، 123 مەھەللە(كەنت)، 78 ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، ماس قەدەمدە كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ خۇڭيەن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. شەھەردىكى تۆت بەنزە ۋە سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى، شەھەردە تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30: 9دا، ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە قارامايدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرىدىن بولۇپ 2000 نەچچە كىشى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت مەيدانىدا كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەم سۆزى ئوقۇلۇپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق ۋەدە بېرىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەتكە سادىق بولىمىز، ھەر مىللەت خەلققە سادىق بولىمىز، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىمىز، تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئالىمىز، باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرىمىز، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز، ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسىدىن قورغان ياساپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسكارلىق كۈرىشىدە غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە بولدى قىلمايمىز!

 قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، 10 مىڭ كىشىلىك كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش شەھىرىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ج ك پ قاراماي شەھەرلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق قايتا سەپەرۋەرلىك، يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئاتاكىغا قايتا ئۆتۈش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچىدىن، پارتىيەگە سادىق بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، ساداقەتمەنلىك ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئىشلىرى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ‹‹قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق تەربىيەلەش››تىن ئىبارەت مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشى؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئىستىھكامىنى ھاسىل قىلىشى، بولۇپمۇ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشى، مەھەللىلەردىكى ئاممىنىڭ كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق يارىتىشى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئىناقلىق ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما قاراماي شەھىرىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم نېفىتچىلارنىڭ ‹‹يېمەك – ئىچمەكتە، يېتىپ – قوپۇشتا، ئىش – ئەمگەكتە، تۇرمۇشتا بىللە بولۇش›› ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹ھۈنەرۋەن شەھىرى›› روھىنى تۇرغۇزۇشى، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر