• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

 گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار بىر نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى: باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ۋەدە بېرىش ۋە قەسەمياد يىغىنى ئاچتى. پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق پارتىيە ئەزالىرى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېلان قىلغان ‹‹<ئىككى يۈزلىمىچى>لەرنىڭ يەنە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز›› ناملىق ماقالىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتىلىدى؛ ‹‹سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز›› تېمىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋەدىنامىسىگە ئىمزا قويدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلىجان ياقۇپ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن؛ تەربىيە ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە قىلىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى: ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز

 ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىكى 300دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دۆلەت بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇپ، ‹‹مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز›› تېمىسىدا قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز، دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر خارقىن خابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، باشتىن – ئاخىر قەتئىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنات – سودا سىستېمىسىدىكىلەر: مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز

 ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېقىندا ‹‹بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز›› دېگەن تېمىدا بىۋاسىتە قاراشلىق سىستېمىلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد ۋە ۋەدە بېرىش يىغىنى ئاچتى.

 يىغىندا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلاردىن ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش؛ قەتئىي تەۋرەنمەستىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش؛ ئىشنى ئۆزىدىن، يېنىدىكى ئىشلاردىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئەل قەلبىنى ئۇتىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئەمەلىي ھەم ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان كونكرېت ھەرىكەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە پائال باشلامچى بولۇش؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۆزىنىڭ ھەربىر سۆز – ھەرىكىتىدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەر: ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، قەتئىي ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ياخشى ئاۋانگارتى ۋە ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، ‹‹بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دادىل ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز›› دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سودا ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ يەتتە نەپەر ھەر مىللەت ۋەكىلى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر روڭ جۈن مۇنداق دېدى: سودا ئىشلىرى سىستېمىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى كوللېكتىپ بېرىلگەن ۋەدە ۋە قەسەم، شۇنداقلا جەڭگىۋار قەسەمياد سەپەرۋەرلىكى بولۇپ، بۇ، سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەگە بولغان ساداقىتى ھەم باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر