• تەۋسىيە ماقالىلەر

بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتەيلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۈزۈلمە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يۇقىرى- تۆۋەنگىچە بىردەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدە، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىدا.

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى؛ شۇ يىلى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى بىڭتۈەندىن بوز يەر ئېچىش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈشنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشنى، نېگىزلىك، ئاساسلىق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شۇجى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى پائال، مۇقىم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىدە يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزلىرىدە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇردى. بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يۈكنىڭ ئېغىرىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر توختاۋسىز ئىلگىرىلىدى؛ بىڭتۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانا ۋە شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى، تۈەن- مەيدانلارنىڭ ئىسلاھاتنى ھەر تەرەپلىمە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، دادىل قانات يايدۇرۇلغان ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىڭتۈەن قاتناشقان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى... بىڭتۈەن مىسلىسىز زور كۈچ بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نۇرغۇن خېيىم- خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور تۈزۈلمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى ۋە ئۇرغۇتتى.

 ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا، بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەندە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلەشكەن تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوز يەر ئېچىش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈشنىڭ، ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمىنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش، بىڭتۈەننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىغا يەنىمۇ ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئورنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، «ھۆكۈمەت» فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى بىلەن تۈەن- مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىسلاھاتتا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىڭتۈەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىدا زور پەرق بار، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىر تاياقتا ھەيدەشكە، تەڭ قەدەمدە مېڭىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت ئانالىز قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە دەل، توغرا بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ». ئىسلاھات − بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇقەررەر يول. بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ، بىڭتۈەننىڭ خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز جەزمەن بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشىنى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىشىمىز كېرەك. بىڭتۈەندىكى كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر دۆلەت مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى، بىڭتۈەننىڭ بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى، تېخىمۇ زور غەيرەت- شىجائىتى ۋە پەم- پاراسىتى بىلەن، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، خېيىم- خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان روھ بىلەن، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر