• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئورۇنلار داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

  گېزىتىمىز ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئورۇنلار بىرنەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى: سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئورگىنىدىكى كادىرلارنى بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات قورغىنىنى قەتئىي مۇستەھكەملەشكە يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئورگىنىدىكى كادىرلارنىڭ «باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز» تېمىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى.

 يىغىندا ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئورگىنىدىكى تۆت كادىر دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق خادىملار: پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمىز؛ مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز؛ مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پاك- دىيانەتلىك بولىمىز. باش نىشاننى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزىمىز؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز؛ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز؛ «ئالتىدە ياخشى مەركىزىي شەھەر» بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز! دەپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە ناھىيە (شەھەر)، يېزا- بازار(كوچا)، كەنت (مەھەللە)لەر 6- ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا كادىر، ئامما كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى. 350 مىڭ ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇلار بەس- بەستە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان پولات قورغاننى قەتئىي مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىنى ئىسپاتلاپ، كۈچنى باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 يىغىندا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىدىن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش تەلەپ قىلىندى. پۈتۈن مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئامما بەس- بەستە قولىغا قەلەم ئېلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 350 مىڭ كادىر ۋە ئامما كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويۇپ، ۋەدە بەردى.

 تۇرپان شەھىرى: «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز

 تۇرپان شەھىرى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى رايون، ناھىيە، يېزا- (بازار، كوچا، مەيدان)، كەنت (مەھەللە)لەردە 250 نەچچە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى. شەھەردىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر كوللېكتىپ ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، 250 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما كوللېكتىپ قەسەم بېرىش ۋە ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان قەيسەرانە روھ، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان سىياسىي جاسارەت بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەر جەڭدە غەلىبە قازىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى قەتئىي تەلتۆكۈس يوقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي تەلتۆكۈس زەربە بېرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىلىك»نى قەتئىي تەلتۆكۈس يوقىتىشى كېرەك.

 تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەركىن بەكرى يىغىنغا قاتناشقان كادىرلارنى يېتەكلەپ كوللېكتىپ قەسەم بەردى ھەم «مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان- تېررورچى كۈچلەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويۇپ ۋەدە بەردى.

 قومۇل شەھىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار: ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولىمىز

 قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خېنەنلىك 35 كادىر ۋە ئۇلارنىڭ قازاق تۇغقانلىرى ھەم بېيجىڭدىن كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئېدىر يېزىسىدا كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پوزىتسىيەسى قەتئىي، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، خالىس كېسەل داۋالاپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، خېنەن بىلەن قومۇل تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى خالىس داۋالىدى.

 ئۇلار بەس- بەستە قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى؛ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇ تىغ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 جۇڭگو شيېخې تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى فۇۋەي يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى دوختۇرخانىسى ئۆپكە قان تومۇر كېسەللىرىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى شىنخەي مۇنداق دېدى: «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى. دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇشىمىز، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇشى، ھەر مىللەت ئاغرىقلىرى ئۈچۈن جان- دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

 2017- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتى: باش نىشاننى چۆرىدەپ، سودا يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز

 2017- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى. تەييارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى، پىدائىيلىرىدىن بولۇپ تۆت ۋەكىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتىلىدى ھەم نەق مەيداندا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋەدىنامىسىگە ئىمزا قويدى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «تۆت ئاڭ»دا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەيداننى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەملەپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. سودا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، تەييارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكى ھەر بىر خادىم بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاپ، بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىدە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك قايتۇرما زەربە قىلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر