• تەۋسىيە ماقالىلەر

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇمان بارچابېك

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملىنىپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل تەرەققىيات مەنزىرىسى نامايان بولدى.

 ھەر مىللەت خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇۋاتقان ياخشى پەيتتە، بىر ئوچۇم يامان غەرەزلىك جىنايى ئۇنسۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق – ئېجىللىقىغا، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

 بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭ خۇي – پەيلى ئوخشاش بولۇپ، ئەلنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈردى؛ قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. زوراۋان – تېررورچىلار دىندىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قېرىنداشلارنى ئالداپ ۋە ئېزىقتۇرۇپ، جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى؛ ئۇلار مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى دىننى پاكلاشتۇرىدىغان ئاتالمىش ‹‹غازات ئەلچىسى›› سىياقىدا نىقابلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى، ئەدەپ – قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە مۇخالىپ بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، مۇسۇلمانلارنى ئىدىيە جەھەتتە نادانلىققا، مەدەنىيەت جەھەتتە گۇمران بولۇش گىردابىغا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇندى؛ ئۇلار ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئەكسىيەتچىل ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ‹‹كاللىسىنى يۇيۇپ››، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ‹‹زەمبىرەك يېمى›› قىلدى؛ ئۇلار مىللەت، ئايال، بالا ۋە قېرى – چۈرى دەپ ئايرىماي، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ دېلو تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى رەزىل، ۋاسىتىسى قەبىھ بولدى...

 ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ۋەزىپە مۈشكۈل، مۇساپە ئۇزۇن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يوقىتىلمىسا، بىز مەڭگۈ ئەمىنلىككە ئېرىشەلمەيمىز. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەسئۇلىيەتنى دادىل زېممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

 خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئاممىنى يېتەكلەپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە باشلامچىلىق قىلىمەن؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ناھىيەدە تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمەن؛ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرىمەن؛ ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش – ئامما تۈزەشتەك مۇقىملىقنى قوغداش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر