• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن

 يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قالتىس مۇراجىئەت. مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

 مەن قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە قەشقەردە بولغان ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك، توغرا رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

 لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يامان نىيىتىدىن يانماي، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە زور ئازاب سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇيغۇرلارغا ‹‹زوراۋان – تېررورچى›› دېگەن بەلگىنى چاپلىدى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بەزى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانى مۇقىم بولماي، بەزى ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يانتايىقىغا ئايلاندى.

 پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىدىن بولماي، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماي ۋە سۈكۈت قىلماي، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ھايات – ماماتلىق كۈرەش قىلىپ، ئاداققىچە جەڭ قىلىمەن. بىرىنچىدىن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي جەھەتتە زېرەك، ئېتىقادقا سادىق كىشىلەردىن بولىمەن؛ ئىككىنچىدىن، ‹‹باش نىشان›› ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ۋەتەن ۋە دۆلەت ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن؛ ئۈچىنچىدىن، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەتراپتىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى، جەمئىيەتتىكى خاتا قاراش ۋە ئىدىيەۋى ئېقىملارنى قىلچە ئىككىلەنمەي پاش قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ۋە قارشى تۇرۇپ، خاتا قاراشلارنى تارقىتىدىغان كىشىلەرگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەي، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن؛ تۆتىنچىدىن، كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تونۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قاپتۇ دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشقا كۈچ چىقىرىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر