• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا بېسىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى نۇكەي جارقىنبېك

 ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرەش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

 پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىلىق ئىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئورۇندايمەن.

 بىرىنچىدىن، تەشكىلگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان ئۈلگىلەردىن بولىمەن. مەن شىمالىي شىنجاڭدىكى چەت، كىچىك ناھىيەدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانامنىڭ تەربىيەسى، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ تەربىيەلىشىدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم. مەن بۇلاردىن مىننەتدار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەيمەن؛ خىزمەتنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ھەر ۋاقىت جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەتئىي غەلىبە قىلىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، قارىشىمنى بىردەك، پوزىتسىيەرىمنى قەتئىي قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

 ئىككىنچىدىن، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە ئۈلگە بولىمەن. رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر ئاممىغا ئىشىنىشى، ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇشى كېرەك؛ ئاممىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، يېقىنىم دەپ بىلىشى كېرەك؛ دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك؛ ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە كونكرېت ئىشلارنى قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 ئۈچىنچىدىن، خىزمەتداشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۈلگىلەردىن بولىمەن. مېنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمى، قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي غايەمنى چىڭىتىپ، سىياسىي پەزىلىتىمنى تاۋلاپ، ‹‹بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت››نى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، كۆڭۈللۈك خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى، تەرتىپلىك يۇقىرى – تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتى، پاك خىزمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن.

 تۆتىنچىدىن، ئاتا – ئانامغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، قائىدىگە رىئايە قىلىش جەھەتتە ئىنتىزامدا لاياقەتلىك ئۈلگىلەردىن بولىمەن. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاتا – ئانامغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پاك – تەلەپچان بولۇپ، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاتا – ئانام ۋە تۇغقانلىرىمنى خاتىرجەم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پەخرى بولىمەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر