• تەۋسىيە ماقالىلەر

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻳﻠﻰ

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻳﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ:  ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 3- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، 12- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 5- ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻳﻮﻗﻠﯩﺪﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﯩﺮ- ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ 9- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ 2- ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ (ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ) ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ، ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﻡ. ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﮪﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ، ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻨﺎﻕ- ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﺎﻱ- ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.   ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ: «ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﻠﺠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 1 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ». ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﭻ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺠﯩﻞ- ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ!   1. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻛﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ   ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻱ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ. «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ» ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﯞﻯ ﺋﺎﺳﺎﺱ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺧﻠﻰ- ﺗﻪﺭﯗﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮪﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ. «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻮﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺴﻪﻙ، «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ» ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﯩﺴﺎﻕ ﯞﻩ «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻤﯩﺴﺎﻕ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﮪﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ: ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻳﯩﺌﺎﭘﻪﺕ. ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﻪﺧﺖ- ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ. ﺑﯩﺰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭘﯘﺧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻛﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ- ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺵ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﺭﻩﺵ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻛﯜﺭﻩﺵ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻣﻪﻱ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ- ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﭼﻰ ﺷﺎﻳﻜﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ- ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﭼﻰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﺗﯜﺵ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻡ- ﻛﻮﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ، ﭘﯘﺧﺘﺎ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﺍﺭ- ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.   ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻲ ﻛﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯨﻢ. ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ، ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻢ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ. ﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ، ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭼﯩﻤﻨﻰ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺭﻭﻟﯩﻤﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﻪﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ، ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻤﻪﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻣﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺋﯩﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ- ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﭖ، «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻛﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ، ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚﮪﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﮪﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﻪﭖ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﮪﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﺯﯨﭻ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ.   ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. «ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭺ»ﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﻛﺎﻣﯩﻠﻜﻰ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ!   2. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ   ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ «ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ»، «ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ»، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﮪﻪﻡ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﮪﻜﻪﻡ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ، ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﺋﯧﯖﻰ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻼﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. «ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ» ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ» ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﺶ- ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ، ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.   ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ، ﺳﻮﺗﺴﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗﻛﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺷﯘﯕﺎ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻓﺎﯕﺠﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺵ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ. «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻜﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﮪﯧﻴﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ، ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻻﺯﯨﻢ.   3. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮ- ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮ- ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮ- ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ   ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻼ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ: «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﺗﺴﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯨﭻ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ». 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ، 1949- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼﭖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﺩﻯ. 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻰ، ﻣﻪﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ، ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ- ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ 1 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 230 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ، ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﻳﻪﻧﻰ 1978- ﻳﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ 3 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 900 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، 2016- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 961 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 700 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﻰ 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ 260 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، 1978- ﻳﯩﻠﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، 2016- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 998 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 400 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﺎﻣﭽﻮﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 1955- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ 173 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، 1978- ﻳﯩﻠﻰ 714 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، 2016- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 163 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 700 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. 1978- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺳﺎﭖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ 319 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، 2016- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 28 ﻣﯩﯔ 463 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺳﺎﭖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 1978- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ 119 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﺪﻯ، 2016- ﻳﯩﻠﻰ 10 ﻣﯩﯔ 183 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺕ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ. ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯧﭽﻪﻙ، ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ، ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﮪﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ، ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ 1962- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻢ ﮪﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ، ﻳﻮﻟﻐﯩﻼ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﺍ 90 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻼ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ، ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻼ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ، BRT ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﻧﺠﯘﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﯧﺘﺮﻭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺧﺎﻡ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺧﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ، ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﺷﻪﮪﻪﺭ- ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯚﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﯘﻕ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﻻﻱ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﺑﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﺎ ﺗﻮﺯﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯘﻕ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﺋﺎﺳﻔﺎﻟﺖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺟﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﯘﻕ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﯗﺭﯗﻡ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ- ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﺎﺯﯨﺮ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺠﻰ ﯞﻩ ﮪﺎﺷﺎﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ، ﯞﻩﮪﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﺎﮪﯩﺘﻤﻪﻥ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻼﺭ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﺎ- ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ. ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.   ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 18- ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﯞﻩ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 2014- ﻳﯩﻠﻰ 4- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ 2- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ، ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺝ ﻙ ﭖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ «ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ»ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺗﯜﭖ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. 2015- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ: «ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻳﻠﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ» ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﻡ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻣﯩﺰﺩﯨﻦ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺩﻩ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﺪﺍ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻧﻮﭘﯘﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯧﻐﯩﺸﻤﺎﻱ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.   ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺋﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﯘﺭ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺭﻩﻟﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﮪﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﺩﯨﺮ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ. «ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻝ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ». ﮪﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺯﺍ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﻪﻧﺠﺎﯕﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻪﻧﺰﻩ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻠﯩﻖ، ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ «ﺗﯚﺕ ﺋﺎﯓ»ﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺋﯧﯖﻰ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ، «ﺗﯚﺕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ»ﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﯩﺸﻰ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﮔﻪ، ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﺭﭼﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ «ﺗﯚﺕ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ» ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﺟﺎﻥ- ﺩﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ، «ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺷﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﮪﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﮕﻪ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻧﻪﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﯧﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻣﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺩﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺑﻪﮪﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﻰ، ﻗﻪﻟﺒﺪﺍﺵ، ﮪﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.   ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭺ. ﺋﯩﻨﺎﻕ- ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﺎﻱ- ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯧﮭﯩﺮ- ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﻛﺎﻣﯩﻠﻜﻰ، ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﮪﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ.   ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻳﻠﻰ! ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﮪﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﭼﺎﻻﻳﻠﻰ! ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ: http://uyghur.xjdaily.com/47/38233.html
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر