• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
    نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئۇل تاش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى نەمۇنىلىك، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى باشتىن – ئاخىر جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، ئىتتىپاقلىقنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك.
    ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەرگەندىن كېيىن، ‹‹مەدھىيەنى سۆيۈملۈك پارتىيەگە تەقدىم قىلىش›› خورى بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىنى باشلىدى. ئورگان كادىرلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ‹‹ياشلىق›› ناملىق ئۇسسۇل، ‹‹پارتىيە بايرىقىغا سۆزۈم بار›› دېگەن مۇزىكىلىق شېئىر، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل، ‹‹قوش تىل››لىق قىيىن سۆزنى تېز ئېيتىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئورگان كادىرلىرىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ئويۇن ‹‹شىنجاڭ ياخشى›› ناملىق ناخشا – ئۇسسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى. نەق مەيدان خۇشال كەيپىياتقا چۆمۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش دەۋر مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.
    پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن قاتناشتى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر