• تەۋسىيە ماقالىلەر

جۇخەيلۇن ‹‹1–ئىيۇل›› ھارپىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا قەشقەر شەھىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان، كومپارتىيە ئەزاسى ياڭ شيۇچىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يەسىرىسى فېڭ شۇچيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

    2011 – يىل 7 – ئايدا قەشقەر خەيتيەن جۇڭخۇا مىڭۋەن تۈر بۆلۈمىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى ياڭ شيۇچىڭ تېررورچىلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ‹‹ئىنقىلابىي قۇربان›› دېگەن نامنى بەردى.
    جۇ خەيلۇن ھال سوراش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ شيۇچىڭ زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا ئالتە يىل بولغان بولسىمۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە قەشقەردىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ياڭ شيۇچىڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى قوغداش ئۈچۈن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش روھى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەھرىمانلىق روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، قەشقەر ۋىلايىتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. جۇ خەيلۇن شۇ جايدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
    فېڭ شۇچيۇڭ تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: ئالتە يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئانا – بالا ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ، بىزگە چەكسىز ئىللىقلىق يەتكۈزدى. مەن بالامنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئېرىمنىڭ ۋەسىيىتى ۋە ئىرادىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىمەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر