• تەۋسىيە ماقالىلەر

باش نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

    بۈگۈن پارتىيەمىزنىڭ 96 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقىغا تەلپۈنۈپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.
    ھازىر شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە زور ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلا بولساق، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئالالايمىز.
    شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغ پىلاننى شىنجاڭ زېمىنىدا پۇختا يولغا قويۇپ، باش نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك.
    باش نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك، ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسى بىر قىزىل بايراق. مۇقىملىق بولمىسا ھەممە نۆلگە تەڭ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە ھەم تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، باشلامچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنى بۆسۈپ ئۆتەلىشى، بەرداشلىق بېرەلىشى، غەلىبىلىك جەڭ قىلالىشى كېرەك. تەرەققىيات بولمىسا مۇقىملىقنى ئۇزاققىچە ساقلىماق تەس. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى باشلامچى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى تايانچى بولۇشى كېرەك.
    باش نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشتە ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. پىلان تۈزۈلۈپ، فاڭجېن بېكىتىلىپ بولدى. ئەمدى ‹‹ھەقىقىي›› ئىستىل ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىسە گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىغان، ئۇيقۇسىمۇ كەلمەيدىغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن، ‹‹ئەمەلىي ئىشلەش›› ۋە ‹‹پۇختا بولۇش››نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، پاك ۋىجدانى ۋە جان – دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، سەمىمىيەتلىك بىلەن خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۆزلىشى كېرەك.
    باش نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشتە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، مەڭگۈ ئىلغارلىقنى ساقلاش كېرەك. ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت كەلگۈسى تەقدىرنى بىزگە تاپشۇرغان ئىكەن، بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك››. پولات تاۋلاش ئۈچۈن پولاتتەك ئىرادە بولۇشى كېرەك. بۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان ئىكەنمىز، ئۇنى كۆتۈرەلەيدىغان، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچلۈك روھ، بوشاشماي تىرىشىپ ۋە كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشىدىغان ھالەت بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھ بىلەن ئۆزىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش››نى ئۆزىمىزنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مەقسىتى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ‹‹پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى، قائىدىنى قەلبكە پۈكىدىغان›› سىياسىي كوردىناتنى توغرىلايدىغانلا بولساق، ئۆزىمىز ئاجىز كېلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىيەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرىمەيمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش››نى چىڭىتىپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، ئىستىل تارىنى چىڭىتىپ، تۈزۈم قەپىزىنى پۇختا ياساپ، قانۇن – تۈزۈم تارازىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تازىلايدىغانلا بولسا، قەددىنى تىك تۇتۇپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، كوممۇنىست دېگەن بۇ شەرەپلىك نامغا يۈز كېلەلەيدۇ.
    بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك!
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر