• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتى ۋە شان–شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇق

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار كادىرلار ۋە ئاممىنى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈشكە پائال تەشكىللىدى

    شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 9 دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەر خىل ئۇسۇلدا تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە شان – شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، قىزغىن ئالقىشلىرى ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلىدى.
    ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز
    شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار جەم بولۇپ، تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى. كۆپچىلىك پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: 20 يىل ئىلگىرى، شياڭگاڭ ئانا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق ئار – نومۇسى يۇيۇلدى؛ 20 يىلدىن كېيىن، ۋەتىنىمىز دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، شياڭگاڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىپتىخارلىنىمىز ۋە پەخىرلىنىمىز!
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئىسلام مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندىم ۋە پەخىرلەندىم. ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا ۋەتەنگە ئالقىش ياڭرىتىمەن ۋە مەدھىيە ئوقۇيمەن.
    سائەت 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ زالى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. نازارەت ئورگىنىدىكى باشقارما – ئىشخانىلار ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن بولۇپ 40 تارماقتىكى 180 نەچچە كادىر رەتلىك كىيىنىپ، بۇ يەردە يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. سائەت 9دا ھەممەيلەننىڭ كۆزى تېلېۋىزور ئېكرانىغا تىكىلدى.
    خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان گۈلزىبا غەنى مۇنداق دېدى: ‹‹شياڭگاڭ›› دېگەن ئىككى خەتنى كۆرۈپ، 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر يادىمغا كەلدى. شۇ چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيتتۇم، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى تېلېۋىزوردىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىلىپ، ئەنگلىيە دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدىم. ھاياتىمدا دۆلەتتىن ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغانىدىم.
    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىدىكى 110 نەچچە ئىشچى – خىزمەتچى ئەتىگەندىلا يىغىن زالىغا يىغىلىپ، تېلېۋىزوردىن يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىرلىكتە كۆردى.
    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ كادىرى ئەمرۇللا غۇلام ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن پارتىيەمىز قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈن، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندە، مەن ئاران 11 ياشتا، قەشقەردە ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرىنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرى خۇشال كەيپىياتقا تولغانىدى، بۇ مەنزىرە ھېلىمۇ ئېسىمدە. 20 يىلدىن كېيىن، مەن يەنە بىر قېتىم شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا شاھىت بولدۇم، مەن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن چىن كۆڭلۈمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.
    پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى
    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئارقا بۇلاق يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق پائالىيەت زالى سائەت 8 بولمايلا ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولدى، ئەرلەر پاكىز، رەتلىك كىيىنگەن، ئاياللار چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەكلىرىنى كىيىشكەنىدى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە شادلىق جىلۋىلىنەتتى، زالدا قىزىل گالىستۇك تاقىغان بىر قانچە ئۆسمۈرمۇ بار ئىدى.
    تاجىگۈل قۇۋان ئېرى بىلەن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ سەھەردىلا مەھەللىگە كېلىپ بولغانىدى، ئۇ ئېرى بىلەن تاشبۇلاق تەۋەلىك رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن يېقىن ئەتراپتىكى بازاردا كىيىم – كېچەك دۇكىنى ئاچتى، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. تاجىگۈل تېلېۋىزوردىن يىغىن ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولدى، بۇ جەرياندا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ، ۋەتەن بىرلىككە كەلسە خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدىغانلىقى، تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدايمىز.
    شۇ كۈنى، ئارقا بۇلاق كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدە تاشبۇلاق تەۋەلىك رايونىدىكى 12 مەھەللە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىپ، ‹‹1 – ئىيۇل››نى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەتكە 5000غا يېقىن ھەر مىللەت ئامما ئاكتىپ قاتناشتى.
    7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەھەردە قۇياش نۇرى زېمىننى يورۇتتى، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتى ئاھالە كومىتېتى قاينام – تاشقىنلىققا تولغانىدى. سائەت 30:7دا، كەنتتىكىلەر رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىن زالىغا يىغىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار ئالاھىدە خەۋىرىنى كۆردى.
    يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇختار تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە شياڭگاڭ شانلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، مەن شياڭگاڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن خۇشال بولدۇم ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇ بەختىيار چوڭ ئائىلىدە ياشىغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.
    7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەھەردە، غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسى بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىغىلىپ، يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى. 61 ياشلىق ئەخمەت مۇتەللىپ 41 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولدى، بۇ 20 يىلدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ۋەتەن تېررىتورىيەسىدىكى بۇ مەرۋايىت تېخىمۇ جۇلالاندى. بۈگۈن پارتىيە بايرىمى، بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، پارتىيە پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
    بۇلاق كەنتىدىكى مەرھابا كامىلجان مۇنداق دېدى: مەن كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتەندىن پەخىرلىنىمەن، ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. شىنجاڭ شياڭگاڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ھەممىمىز يىلتىزداش، قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغان. مەيلى شياڭگاڭ ياكى شىنجاڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
    ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز
    سائەت 9دىن ئاشقاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى توپاتاغ تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى توپاتاغ مەھەللىسى يىغىن زالىدا مەھەللىدىكى 50 نەچچە ئاھالە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە قوللىرىدا چىرايلىق كىچىك قىزىل بايراقنى تۇتقىنىچە ئەستايىدىللىق بىلەن يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋاتاتتى. كۆپچىلىك گاھىدا قوللىرىدىكى كىچىك بايراقنى لەپىلدىتىپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيتتى.
    مەھەللە ئاھالىسى مېھرىگۈل ئەخەت مۇنداق دېدى: بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز!
    يىغىن ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى 545 ئاھالە، كادىرلار داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. 30 پارتىيە ئەزاسى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە بولغان ۋەدىسىنى ئىپادىلىدى.
    جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاشىل داغۇر يېزىسى ئاياغ مەنجىباق كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. كەنت ئاھالىسى جامبۇرباي ھاياجانلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە 20 يىل بولغان كۈن، شۇنداقلا پارتىيە بايرىمى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ھازىر تۇرمۇشىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىز پارتىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
    خوتەن ناھىيەسىنىڭ تۇساللا يېزىسى قارامەت كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تولغانىدى، كۆپچىلىك بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، تېلېۋىزوردىن يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋاتاتتى. دۆلەت شېئىرى ياڭرىغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ بۇ جايدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، پارتىيەنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىگە بەخت تىلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى تەرىپلەشتى.
    خوتەن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قارامەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋېن رۈيشيا مۇنداق دېدى: مەن ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، تىرىشىپ خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمەن.
    ( لى چۈنشيا، دۇڭ شاۋخۇا، ليۇ دۇڭلەي، جاۋ چۈنخۇا، ليۇ يى، چېن چياڭۋېي، فەن چۈنخەي، ياڭ خەيجۈن، جاڭ يۇڭ، لۇ يۈجېن، سۈن ۋېيشيا،  جۇ يۈنجۇ)
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر