• تەۋسىيە ماقالىلەر

پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئۇنتۇماي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە 96 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئىنقىلابىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈردى؛ سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقاردى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ۋەتەننى باي قىلدى، قۇدرەت تاپقۇزدى، خەلقنى باي – باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى پارتىيەگە كىرىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر. كۆپ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداشتەك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمدە، شىنجاڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ئېسىمدىن چىقمايدۇ. سانسىزلىغان پاكىتلار مۇنازىرىسىز ھالدا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولالمىغان بولاتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقىدەك گۈللەپ ياشنىغان، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى بولمىغان بولاتتى.
    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. مەركەز شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى ۋە ياردەم قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەز سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە شىنجاڭغا تېخىمۇ ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، مۇھىت قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭ ئۈچۈن ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى زور تۈركۈمدە تەربىيەلەپ بەردى. تەرەققىيات، ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، مەركەز شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلگەن تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەرنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى 4 – ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ  2014 – يىلى 5 – ئايدا مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››تىن ئىبارەت مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز بۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپ يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا مەن تۆۋەندىكىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم:
    بىرىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بولمىغان بولاتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەد كۆتۈرۈپ، ئازاد بولمىغان بولاتتى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مۇھىم تارىخىي بۇرچ دەپ قارىدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا ئاندىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ سىناقلىرىغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سىناقلىرىغا، بازار ئىگىلىكىنىڭ سىناقلىرىغا، تاشقى مۇھىتنىڭ سىناقلىرىغا تېخىمۇ ياخشى بەرداشلىق بېرىپ، روھىي جەھەتتىكى بوشاڭلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق – چىرىكلىك خەۋپى ئۈستىدىن تېخىمۇ ياخشى غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ‹‹تۆت ئاڭ››نى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار سىياسىي ئېڭىنى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى، يادرو ئېڭىنى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك››دەپ كۆرسەتتى. بىز ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇپ، تۈرلۈك خىرىس ۋە قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
    ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلەپ: ‹‹شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى››دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدىكى تۈپ مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان چاغلاردا ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلاندى. ئەكسىچە بولغاندا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز؛ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختا سېلىپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
    ئۈچىنچى، تەرەققىياتتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، لېكىن تارىخ، تەبىئەت، جۇغراپىيە، جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تەرەققىيات سەۋىيەسىدە يەنىلا مەلۇم پەرق ساقلاندى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا، تەرەققىياتنىڭ يەنىلا ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى. تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شىنجاڭغا چەكسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. بىز يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى‹‹يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، <ئۈچ يۇقىرى> تۈرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش›› دېگەن كونكرېت تەلىپى بويىچە، يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك.
    تۆتىنچى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي تەۋرەنمەي زەربە بېرىشىمىز كېرەك. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر ئېلىمىزگە قاراتقان پارچىلاش، غەربلەشتۈرۈش سۇيىقەستىنى توختاتقىنى يوق. ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر پارتىيەمىزنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، مىللەتلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جۇڭگو قۇدرەت تاپقان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، تەرەققىي قىلغان، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ غەرىزى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش. شۇڭا، بىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇشىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش كۈرىشىدە بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئىزچىل يۈكسەك سەگەك بولۇشىمىز، بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئەڭ زور دەرىجىدە زەربە بېرىپ، كەڭ كۆلەمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
    بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئاخىرقى ھېسابتا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىز ئاممىدىن ئايرىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ۋە قوللىشىدىن مەھرۇم قالساق، ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولىمىز››، دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسى، قان تومۇرى، كۈچى خەلقتە، بىز ئاممىغا تولۇق ئىشىنىدىغان، ئاممىغا تايىنىدىغان، ئاممىنى سەپەرۋەرلىك قىلىدىغان، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلا بولساق، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئامما ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ؛ ئاممىنى قۇدرەتلىك تايانچ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ۋە مۇستەھكەم ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ بىز ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئەمەلىي سۆزلەش، راست گەپ قىلىش›› ئىستىلىنى تۇرغۇزۇشنى؛ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا تايىنىشنى؛ ئاممىۋى خىزمەتنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئامما بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشنى؛ ئاممىنىڭ ئويىنى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشتەك ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چوقۇم شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، پارتىيەنىڭ كادىرلىرى ھەر يەر، ھەر يەردىن كەلگەن، ھەممەيلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ چاكىرى، شۇڭا چوقۇم جان – دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ھەر بىر كادىر پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى چوقۇم باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈشى، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى ئۆگىنىپ، تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق گۈللىنىش، ئالغا بېسىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
    ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىشىمىز كېرەك. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئاساسىي تەجرىبىگە ئىگە قىلدى. سىياسەت ۋە تاكتىكا پارتىيەنىڭ ھاياتى، ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، پارتىيەمىز مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتكە ئىگە. بىز دىن ئىشلىرىنى قانۇنىيەت بويىچە باشقۇرۇپ، ‹‹پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز››؛ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز؛ ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان دىنىي زاتلارغا ئىشىنىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىغا تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
    ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا شىنجاڭنى چوقۇم ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز! 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر