• تەۋسىيە ماقالىلەر

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسى بويىدىن تەڭرى تاغ ئېتىكىگىچە پولات چىۋىق قۇرۇمىلىق تۇرالغۇ ئۆيلەر يۇلغۇن شاخلىرى بىلەن يېپىلغان ئۆيلەرنىڭ ،ماي ياتقۇزۇلغان يوللار توپىلىق يوللارنىڭ ئورنىنى ئالدى؛ ھەمراھ زاۋۇتلار تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان چارۋىچىلارنى ئىشچىلار كىيىمىنى كىيىپ مائاش ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا بارغان ھەر بىر كىشى جۇڭگونىڭ غەربىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەي قالمايدۇ.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يارىتىلغان جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ياردەم بېرىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، چېتىلىدىغان نوپۇس ، مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ، ياردەم بېرىش ساھەسى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشتىن ئىبارەت؛ شىنجاڭ بۇنىڭ بىلەن تارىختىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرىتى ئەڭ تىز، ئۇل ئەسلىھە سېلىنما سالمىقى ئەڭ چوڭ، خەلق تۇرمۇشى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ قوللىشى بولدى. 1997-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شىنجاڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق ، كومىتېتلار، 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش فاڭجېنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20 مىڭغا يېقىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرى ۋە تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى جايلاردىكى ئاز سانلىق ئاممىسىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر