• تەۋسىيە ماقالىلەر

شىنجاڭ U18 پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا تەييارلىق قىلماقتا

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

    كوماندا ئەزالىرى مەشىق قىلماقتا.

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ U18 پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى قىلدى. 12-ئىيۇل، شىنجاڭU18 پۇتبول كوماندىسى شاڭخەيگە بېرىپ ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تيەنجىنگە بېرىپ 25-ئىيۇلدىكىU18 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. جياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبىغا تېخى يېڭىلا قېتىلغان ھۇجۇمچى ئېرپان ئېزىمجانمۇ بۇ قېتىم شىنجاڭ U18 پۇتبول كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

   شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 ئۆتكەندە كوماندا ئەزالىرى شىنجاڭ چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى قىلدى.ئەركىن چېلىشىش تىرېنېرى مۇھەممەتجان ئەيسا مۇنداق دېدى: پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ كوماندا ئەزالىرىغا بولغان تېخنىكا ۋە سۈرئەت تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇنىڭدا بەلگىلىك قارشى تۇرۇشچانلىق بولۇش كېرەك. كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇلارنى مۇشۇ ئارقىلىق مەشىق قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ماسلىشىشچانلىق، ئىتتىپاقلىق ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر