• تەۋسىيە ماقالىلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 896 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچى ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى

سەھىپە: بىر بەلباغ، بىر يول | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 19-سېنتەبىر 2017-يىللىق «ئالتۇن كۈزدە ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئەخلاقتا، ئۆگىنىشتە ياخشى 896 ئوقۇغۇچى جەمئىي 280 مىڭ 900 يۈەن ياردەمگە ئېرىشتى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 1996-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرگە شەھەر بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە بىر يۈەن نەق پۇل، بىر ئوقۇش ماتېرىيالى، بىر تۇرمۇش بۇيۇمى ئىئانە قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى گو يەننىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، «نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە بىر يۈەن نەق پۇل، بىر ئوقۇش ماتېرىيالى، بىر تۇرمۇش بۇيۇمى ئىئانە قىلىش» بويىچە مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 3796 نامرات ئوقۇغۇچى جەمئىي 1 مىليون 70 مىڭ يۈەن ياردەمگە ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياردەمگە ئېرىشكەن، پائالىيەت ئارقىلىق قىزىل كىرېست ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلغان، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىدىكى مەكتەپلەرگە يېڭىدىن كۇتۇپخانا، رادىيو پونكىتى قاتارلىقلار سېلىنغان بولۇپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتەك كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولى جارى قىلدۇرۇلغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر