تۇنجى قېتىم بالا چۈشۈرۈشنىڭ زىينى: كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/11/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

توي قىلمىغان ياش قىزلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى يوقىمىغان بولغاچقا، بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇن ھەم چىڭ بولىدۇ. سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغاندا بالىياتقۇ بوينىنىڭ كېڭىيىشى ئىلگىرى توغۇپ باققان ئاياللارغا قارىغاندا قىيىن ھەم ئاغىرىيدۇ. شۇنىڭدەك يۇقۇملىنىش پۇرسىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپ بولىدۇ.
بىرىنچى، تۇنجى قېتىم بالا چۈشۈرۈش بۇنىڭدىن كېيىنكى ھامىلىدار بولۇش ۋە توغۇشقا تەسىر قىلىدۇ.
1. تۇغماسلىق. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قالغانلىقتىن ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىشى، ياكى بالىياتقۇ پەردىسىنى زىيادە قىرىۋەتكەن بولغاچقا بالىياتقۇ پەردىسى زەخمىلەنگەنلىكتىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.


2. غەيرى ھامىلىدار بولۇش. يەنى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش. سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي بالا چۈشۈرگەندە %1 دە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. يۇقۇملىنىش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى بولسا غەيرى ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بېرى.
3. تەبئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. سۈنئىي بالا چۈشۈرگەندە دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن بالىياتقۇ بوينى زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ توي قىلمىغان قىزلار سۈنئىي بالا چۈشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينىنىڭ زەخمىلىنىشى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇنداقلار توي قىلغاندىن كېيىن قايتا ھامىلىدار بولغاندا، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن بالدۇر بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى ئاخىرقى باسقۇچتا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر