• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش شەرتلىرى قايسىلار؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2019/01/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: كۆكتاش | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئەيدىزنىڭ ئۈچ خىل يۇقۇش شەرتى بار بولۇپ، بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغاندىلا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئاندىن بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقىدۇ. شەرتلەر ھازىرلارنمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى قەتئىي يۇقمايدۇ.

بۇ شەرتلەر:
1. ئالدى بىلەن چوقۇم بىر يۇقۇملانغۇچى بولۇشى كېرەك

مەسىلەن: بىرەيلەن گاندوك ئىشلەتمەي جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغان بولسا، قارشى تەرەپتە ئەيدىز ۋىرۇسى بولماي قالسا، ئەلۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. ئەكسىچە بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ، گاندوك ئىشلەتمەي جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋىپى بولىدۇ.

2. تەركىۋىدە يىتەرلىك مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بولغان تەن سۇيۇقلۇقى بولۇشى كېرەك
مەسىلەن: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىرەيلەننىڭ قېنى چوڭ بىر كۆلنى بۇلغىغان بولسا، بىز بۇ سۇدىن ئىچىۋالساق ياكى بەدەن ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. يەنە بىر مىسال، پاشا چېقىۋېلىشتىنمۇ ئەيدىز يۇقمايدۇ، چۈنكى پاشا شۈمۈرگەن قاننىڭ مىقدارى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ.

 

3. تەركىۋىدە ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بولغان تەن سۇيۇقلۇقى ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىشى كېرەك.
بۇ ئەڭ مۇھىم شەرت بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش- يۇقماسلىقىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغان تەغدىردىمۇ، ئەيدىز يۇقۇمى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ بەدىنى ئىچىگە ئۆتمىگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا، ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامال بار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر