ئاياللارغا نەسىھەت: ئەرلەرنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان 6 ئىش(2)

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

بىر يىگىت داۋاملىق بويىنىڭ نىسبەتەن پاكارلىقى، موسكۇللىرىنىڭ تازا تەرەققىي قىلمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىكەن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقىلاردا دائىم پاسسىپ كەيپىياتتا تۇرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىگىتنىڭ قىز دوستى بىر قېتىم ئۇنىڭ قېشىدا قايسىدۇر بىر ئەرنىڭ ناھايىتى قاملاشقانلىقىنى، مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان، ئەركەكلەرگە خاس قاۋۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سالغان. بۇ يىگىتتە شۇندىن باشلاپ يۇقىرىقىدەك ناچار پسىخىك كەيپىيات شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يوقالغان.
ئەمەلىيەتتە، قىز-ئاياللارغا كېرىكى يالغۇز توغراقتەك بەستلىك ئەرلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ھەققىي سۆيىدىغان، ئاسرايدىغان سەمىمىي قەلبكە ئىگە ئەردۇر. شۇڭا، قىز-ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ياكى يىگىتلىرىنىڭ تەقى-تۇرقىدىن ئورۇنسىز ئىۋەن ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەرلىك ئىززىتىگە تەگمەسلىكى لازىم.

ئۈچىنچى، كۆز ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى ماختاش

خۇددىي قىز-ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزى ئالدىدا باشقا قىز-ئاياللارنى ماختىشىنى ياقتۇرمىغىنىدەك، ئەرلەرمۇ قىز-ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى ماختاپ كېتىشلىرىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، ھەتتا ماختالغۇچى شۇ ئەرنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى دوستى بولغان تەقدىرىدىمۇ.
ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئابرويپەرەس كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن قىز-ئايالنىڭ ئالدىدا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى مۇتلەق ئېتراپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆز ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى ماختاش خۇددىي ئۇنىڭ ئۈچۈن «سەندىنمۇ مۇنەۋۋەر، ياخشى ئەرلەر بار» دېگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە، ئەرلەر بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ.

تۆتىنچى، يېغىرىنى ئېچىش

بۇ يەنىلا يۈز-ئابروي مەسىلىسى بولۇپ، يەنە كىشىلىككە بېرىپمۇ تاقىشىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم ئايالنىڭ پالانى كۈنى پۇستانى يەردە قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقى باشقىلار ئالدىدا تىلغا ئېلىنسا، ئۇ ئايال ئۈچۈن بۇ ئانچە خۇشاللىنارلىق ئىش بولماي قالىدۇ. بىزدە ئادەم ئۇرساڭمۇ يۈزىگە ئۇرما، تىللىساڭمۇ يېغىرىنى ئاچما دەيدىغان گەپ بار. باشقىلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا ئېسلىۋېلىش، يېغىرىنى تاتىلاش يارىماس ئادەملەرنىڭ ئىشى.
ئەر ئۈچۈن جىسمانىي جەھەتتىكى بىرەر ئاجىزلىق، كەسپ ياكى سودا-تېجارەتتىكى مەغلۇبىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشىنى خالىمايدىغان ئىشلاردۇر.
ئاقىل ئايال قايسى چاغدا سۈكۈت قىلىشنى بىلگەن ئايالدۇر. ئەرزىمەس تالاش-تارتىش تۈپەيلى خاھى يالغۇز خاھى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ياكى يېغىرىنى تاتىلاپ چىقىش ئەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس داغ قالدۇرىدۇ. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكىمۇ ئېغىر دەز كېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر